UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقۇربان بارات

قۇربان بارات

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر قۇربان بارات 1946 - يىل 10 - ئايدا ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاتۇشتا تاماملاپ، 1958 - يىلى سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1962 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، <شىنجاڭ گېزىتى> ئىدارىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، 1970 - يىلدىن باشلاپ كورلىدىكى شىنجاڭ شىنخۇا 2 - باسما زاۋۇتىدا كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1980 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا، 1985 - يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا مۇھەررىرلىك بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر پىنسىيدە. قۇربان باراتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <كاككۇك> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <كەچكۈز لىرىكىسى>، <يىللار توغرۇلۇق ناخشا>، <كېسىلگەن توغراق>، <دەريا شارقىرايدۇ قاراڭغۇلۇقتا>، <پەرۋانە توغرۇلۇق ناخشا>، <قار گۈلى>، <خار قىلالماس ئۇنى ھايۋانلار> قاتارلىق يۈزلىگەن لىرىك شېئىرلارنى؛ <گۈدۈك>، <قىزىلگۈل>، <ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز>، <ئاق روماللىق پەرىزات>، <تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش>، <ئىنسان ۋە زېمىن>، <مەن ئەقىل ئىزدەيمەن> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك شېئىرىي ماھارىتىنى، ئىپادىلەش سەنئىتىنى نامايان قىلغان ھەم ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ بىر مۇنچە شېئىر - داستانلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق مۇكاپتلارغ ئېرىشكەن. قۇربان بارات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ، ھازىرغىچە شەيخ سەئىدىنىڭ <بوستان>، <ئا. س پۇشكىننىڭ چۆچەكلىرى>، لېرمۇنتوۋنىڭ <داستانلار>، <ئەي چىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما> قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئەسەرلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىققان. قۇربان بارات كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشرگە يەييارلاش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <دىۋان ئاتايى>، <دىۋان سەككاكى>، <دىۋان نۆبىتى>، <دىۋان زوھۇرى>، <لۇتفى غەزەللىرى> نى ۋە ناۋائىينىڭ <سەددى ئىسكەندەر> داستانىنى نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلغان. قۇربان باراتنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يېشىل ھايات> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - داستانلار توپلىمى، <ئاق روماللىق پەرىزات> (1984 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى، <قار گۈلى> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار - داستانلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ <يېشىل ھايات> توپلىمى 1987 - يىلى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشر قىلىنغان. قۇربان بارات ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى