ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
تەيپىن - تيەنگو ئىنقىلابىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبىداتىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلىرى ئۈچۈن بىر ئەينەك بولدى.
1864 - يىلى ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان ئازادلىق قوزغىلاڭنىڭ يول باشلامچىلىرىدىن بىرى ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىدى.
ئابدۇرۇسۇل بەگ ئىلى جاڭجۇننىڭ بەرگەن بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشتىن باش تارتىپ، ئىلى خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ ۋە ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلاردىن قوراللىق كۈچ تەشكىل قىلىپ، ئۆزى باش قوماندان بولىدۇ.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ تارانچىلار ئارىسىدا چوڭ ئابرويغا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرگەن سۇلتان مەرەمزات ئۆزىنىڭ سۇلتانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئابدۇرۇسۇل بەگنى يوق قىلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. شۇ مەقسەت بىلەن ئۇ ئەخمەتجان سىڭا كۆز دېگەن قارا نىيەتچى بىلەن تىل بېرىكتۈرىدۇ ۋە بۇ قارانىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ قېينىئاتىسى بولغان ئەخمەتجان خەزنىچىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن دوستى، قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان ئىسھاق بەگنى ئۆلتۈرۈش يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. موللا بىلال نازىمى سۇلتان مەرەمزاتنىڭ بۇ ھەقتە ئەخمەتخان سىڭا كۆزگە قىلغان تەكلىپىنى شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
دېدىكىم ئەمىرنى ھىلاك ئەتسىڭىز،
ئىسھاق بەگنى ھەم دەرناك ئەتسىڭىز.
چېرىك خوپ ئېتىپ لام دېمەس سىزگە،
كى غەۋغاسىنىڭ ئەھدىسىدۇر مەنگە.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگ مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى ئىلىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە، ئۇ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خۇيزۇ خەلقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرلىك، دوستلۇق بولمىغاندا قوزغىلاڭنىڭ يېڭىپ چىقىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگ چىن دىلى بىلەن ئىلى تارانچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىغا يولباشچىلىق قىلىپ، تارانچىلار ئارىسىدا زور ئابروي ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بولغانلىقى ھەققىدە ۋەتەنپەرۋەر شائىر موللا بىلال نازىمى مۇنداق دەيدۇ:
دېدى بارچە ئادەم يۈرەكلىك ئەمىر،
كى بىزلەرگە دائىم كېرەكلىك ئەمىر.
كى ئابدۇرۇسۇل بەگ دىلىدۇر دۇرۇست،
دىلى دۇرۇست ئۈچۈن تۇتتى خەلق ئانى دوست.
ئەمىر ئابدۇرۇسۇل بەگنىڭ نامى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى پارتلىغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.