ھەسەن تىلىۋالدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ھەسەن تىلىۋالدى 1942 - يىل 1 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىردە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1950 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1961 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتىنىشىپ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن، 9651 - يىلدىن 1982 - يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوبۇس شىركىتىدە ئىشلىگەن، 1982 - يىلدىن تارتىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق رادىئو ئىستانىسسىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
ھەسەن تىلىۋالدىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلدىن تارتىپ باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھەر خىل تېمىدىكى شېئىرلارنى، بولۇپمۇ بالىلارغا بېغىشلانغان شېئىرلارنى كۆپرەك يېزىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
ھەسەن تىلىۋالدىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <جىرىڭ - جىرىڭ> (1983 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ھىجران> (ھېيتەم ھۈسەيىن بىلەن بىللە، 1958 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <دام - دام - دام> (مەمتىمىن بارى بىلەن بىللە، 1996 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى شېئىرلىرى مۇكاتلانغان. ھەسەن تىلىۋالدى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.