UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇر روزى

نۇر روزى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى نۇر روزى 1942 - يىل 1 - ئايدا يەكەن ناھىيسىنىڭ چارەك يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يەكەندە ئوقۇپ تاماملاپ، 1957 - يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ ماشىنسازلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن؛ 1960 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 -، 3- دىۋىزىيلىرىدە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بۆلۈمىدە كەسپىي خادىم، بۆلۈم مۇدىرى بولغان، 1985 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، نەشرىياتى باسما زاۋۇتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. نۇر روزى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1980 - يىلى <قەشقەر ئەدەبىياتى> دا ئېلان قىلىنغان <قوشماق ئاداش> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئاساسەن ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى>، <قىساس>، <سېپى بولمىسا، ئېپى بولمايدۇ>، <ئا، ب، س ... ئەپەندى> قاتارلىق ھېكايىلارنى يېزىپ، كىتابخانلارغا تەقدىم قىلغان. نۇر رۇزىنىڭ <قىساس> ناملىق ھېكايىلار توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987 - يىلى نەشر قىلىنغان. نۇر روزى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى