قاھار جېلىل
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە ژۇرنالست قاھار جېلىل 1943 - يىل 7 - ئايدا خوتەن ناھىيسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1958 - يىلدىن 1962 - يىغلىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. قاھار جېلىل 1976 - يىلى 5 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، <تارىم> ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1988 - يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان، 1994 - يىلى خوتەندە ئالەمدىن ئۆتكەن.
قاھار جېلىلنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <ئالتۇن قىز> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل پرۋزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئاچالدا>، <كىشىلەر>، <چەۋەنداز>، <كۈلۈمسىرىگەندە>، <غۇجىزادە ھەققىدە لەتىپە> قاتارلىق ئونلىغان ھېكايىلارنى؛ <مېھرىبان>، <ئەپۇ>، <بالدۇر توزىغان گۈل>، <تۇرمۇش قاينىمىدا>، <تەقدىرنى كىشىلەر يارىتىدۇ> قاتارلىق پوۋېستلارنى؛ <قىساس> ناملىق رومانىنى يېزىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.
قاھار جېلىلنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <چېچەكلەر> (1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <چەۋەنداز> (1982 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <مېھرىبان> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <كۆڭۈل> (1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <خىلۋەتتىكى كىشلەر> (1990 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <ئېزىتقۇ> (1992 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قىساس> (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار.
قاھار جېلىل ھايات ۋاقتىدا 2 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.