UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇربەگ(خودىڭباڭ)

نۇربەگ(خودىڭباڭ)

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى نۇربەگ قاسىم مىرزا ئوغلى (خەنزۇچە ئىسمى خودىڭباڭ) خوتەن ئىلىچى يېڭى ئاۋاتتا تەخمىنەن 1890 - يىللاردا تۇغۇلغان. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە يېڭى ئاۋاتتا دىنىي مەكتەپتە، كېيىن قەشقەردە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەننىڭ مۇۋەققەت ۋالىيسى چىڭ دارېنغا تەرجىمان بولىدۇ. كېيىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، دۇبەن مەھكىمىسىدە تەرجىمان بولىدۇ. 1933 - يىللاردا شېڭ شىسەينىڭ قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە تەرجىمان بولىدۇ. قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا، نۇربەگ ئۇلۇغچاتقا ھاكىم بولىدۇ. كېيىن ھەيئەت دېگەن نام بىلەن شېڭ شىسەينىڭ دۇبەن مەھكىمىسىدە ئىشلەيدۇ. 1936 - يىلى يەركەنگە ھاكىم بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغاندا ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ خوجىنىياز ھاجىغا كاتىپ بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن خۇدىڭباڭمۇ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. 1944 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ، ئۈرۈمچىدە خەنزۇ قىزلار گىمنازىيىسىگە مۇئەللىم بولىدۇ. 1945 - يىلى ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق باشقارمىسىغا مەسئۇل بولىدۇ. 1946 - يىلى 5 - ئايدا خوتەنگە ۋالىي بولىدۇ. 1951 - يىلى قان قەرز بار ئىشپىيون دېيىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. (نۇر بەگ توغرىسىدىكى بۇ ماتېرىيال ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم نۇرنىڭ 1989 - يىلى بەرگەن ماتېرىيالىغا ئاساسەن رەتلەندى.)
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى