قاسىم پالۋان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قاسىم پالۋان 1885 - يىلى قۇمۇلنىڭ غەربىي تاغ يېزىسى قالغايتى كەنتىدە دىنىي ئۆلىما سىيىت ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە دادىسىدىن دىنىي بىلىم ئالىدۇ. قاسىم ئون ياشتىن ئاشقاندا ئائىلىسىنىڭ چارۋا بېقىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. ئۇ چارۋىغا قارىغاچ دادىسىنىڭ «توققۇز ئاتار مىلتىقى»نى ئېتىشنى ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن چارۋىلارنى ۋەھىشىي ھايۋانلاردىن قوغدىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوۋچىلىق قىلىدۇ. ئوۋچىلىق قىلىش جەريانىدا كۆپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئاتقان ئوقى زايا كەتمەيدىغان، ئوۋدىن قۇرۇق قول قايتمايدىغان دەرىجىدە كامالەتكە يېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەل ئارىسىدا«قاسىم پالۋان» (مەرگەن) دەپ ئاتىلىدۇ.
قاسىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق يايلاق تۇرمۇشى ۋە ئوۋچىلىق قىلىشى ئۇنى ھېچ نەرسىدىن قورقمايدىغان قەيسەر قىلىپ يېتىلدۈرىدۇ. 1912 - يىلى ئىلىدا يۈز بەرگەن شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ باش ۋالىيىسى يۈەن داخۇا ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئالىدۇ. قاسىم پالۋان ئەسكەرلىككە تۇتىلىدۇ.
ئۇ ئەسكەرلىكتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزاق قېرىنداشلىرى بىلەن ئارازلىشىپ قىلىپ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئوۋچىلىق قىلىپ بىر قانچە يىل سەرگەردان ھايات كەچۈرىدۇ. مۇشۇ يىللاردا قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق ئوۋچىلار بىلەن بىرگە يۈرۈپ ئۇلارنىڭ تىلى ۋە خەنزۇتىلى يېزىقىنى خېلى پۇختا ئۆگىنىۋالىدۇ ئوۋچىلارنىڭ يايلاق تېبابەتچىلىكىنى ئۆگىنىدۇ ۋە سۇنۇق تېڭىشتا كامالەتكە يېتىدۇ. قاسىم پالۋان چىڭىخەي تاغلىرىدا ئىپار كىيىكى ئوۋلاپ يۈرگەن مەزگىلىدە مابۇ فاڭنىڭ تۇغقىنى ماچىنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ. ماچى ئۇنى ئوردىدا ئېلىپ قالىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئۇ ماچى قوشۇنىدا يەن شىسەن بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ماچى قاسىم پالۋاننىڭ باتۇرلۇقىنى كۆرۈپ ئوردىدا قېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. قاسىم يوشۇرۇن قۇمۇلغا قېچىپ كېلىپ، شاھمەخسۇت ۋاڭغا ئەسكەر بولىدۇ. ئەسكەر بولغان كۈنلەردە مەرگەنلەر مۇسابىقىسدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، بالداقمۇ بالداق ئۆسۈپ، ئودا مۇھاپىزەتچىلەر ئەترەت باشلىقى بولىدۇ ۋە شامەخسۇت ئوردىسىدا تەرجىمانلىق قىلىدۇ.
قاسىم پالۋان 1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قوزغالغان مەزگىلدە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋاڭ ئوردا باغچىسى ۋە پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىنى، بۇلاڭ - تالاڭ قىلماق بولىدۇ. قاسىم پالۋان چېرىكلەرگە زەربە بېرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ مال - مۈلكىنى قوغداپ قالىدۇ. شۇ يىلى 5 - ئايدا جېن شۇرېن قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، بىر پولك ئەسكەر چىقىرىدۇ. قاسىم پالۋان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنى توساشقا بېشىرۋاڭدىن رۇخسەت سورايدۇ، بېشىر ۋاڭ رۇخسەت قىلمايدۇ. قاسىم پالۋان ئۆزى يالغۇز يوشۇرۇنچە ئوردىدىن چىقىپ قۇمۇلنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى سېڭىر قۇم (توسقا) دېگەن جايغا بېرىپ ھۆكۈمەت ئەسكىرىنى توساپ، بىر كېچە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ جەڭ قىلىپ، دۈشمەننى ئېغىر تالاپەتكە سېلىپ تاڭ ئالدىدا شەھەرگە يېنىپ كېلىدۇ، شۇ كۈنلەردە شىڭشىڭشادا چېگرا ساقلىغۇچى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ماجۇڭيىڭنىڭ قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى ئېلىپ قۇمۇلغا چېكىنىدۇ. قاسىم پالۋان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ تۆۋەن تۈردىكى يارى دورغا، شوپۇلدىن سالى دورغا، خوتۇنتامدىن سۇبۇر، دورغا، ئىدىردىن ئابدۇرېھىم دورغا قاتارلىقلارغا دۆربىجىننىڭ غولئېرىق مەھەللىسىگە يىغىلىپ، دۈشمەن ئەسكىرىنى توساشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ئۇلارئۆز قىسىملىرىنى ئېلىپ دۆربىجىندىكى جىگدە بۇلاققا كېلىدۇ. قاسىم پالۋان بۇ يەرگە يىغىلغان يۈزدىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى باشلاپ ساي بۇلاق مەھەللىسىدىكى ئېگىز قۇمۇشلىقىغا بېرىپ يوشۇرۇنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارغا بولغۇسى ئۇرشىنىڭ تاكتىكىسى ئۈستىدە بېرىپ، دۈشمەننىڭ رازۋېدكا قىسمىغا تەگمەسلىك، تۇنجى ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھۇجۇم قىلىش تەگمەسلىك، تۇنجى ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھۇجۇم قىلىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇ كېچە تىنچ ئۆتىدۇ، دۈشمەن كەلمەيدۇ. تاڭ سۈزۈلگەندە دۈشمەننىڭ رازېدكا قىسمى ئۆتىدۇ. دەل شۇ چاغدا ھودۇقۇپ كەتكەن قوزغىلاڭچىدىن بىرى ئوق چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوزغىلاڭچىلار دۈشمەن ھۇجۇمىنى چېكىندۈرىدۇ. ئىلاجىسىز قالغان دۈشمەن تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كاناي چالىدۇ. قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئوق چىقىرىۋېرىدۇ.
قاسىم پالۋان يېنىدىكى ھادى پالۋانغا دۈشمەن ھارۋىسىدىكى ئوقنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئېلىپ كېلىنگەن ئوق قاسىم پالۋانلارنىڭ قولىدىكى مىلتىققا چۈشمەيدۇ. شۇڭا، دۈشمەننىڭ ھارۋىسىدىن ئوق ئەكىلىش ئۈچۈن قاسىم پالۋان ئۆزى بېرىپ، ئوقنى ئېلىپ قايتىۋاتقاندا ھارۋا ئاستىغا مۆكۈنگەن دۈشمەن قاسىم پالۋاننى ئېتىۋېتىدۇ. قاسىم پالۋان قايرىلىپ دۈشمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. سەپداشلىرىنىڭ يېنىغا قايتقۇچە قان كۆپ چىقىپ كېتىپ جان ئۈزىدۇ. دەل شۇ چاغدا ھۆكۈمەت ئەسكىرىنىڭ ياردەمچى قىسمى يېتىپ كېلىپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلار چېكىنىدۇ. بېسىپ كەلگەن دۈشمەن قاسىم پالۋاننىڭ بېشىنى كېسىپ قەپەزگە سېلىپ ئېلىپ كېتىپ، قۇمۇل كونا شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويىدۇ. قاسىم پالۋاننىڭ بېشى بىر قانچە كۈن دەرۋازىغا ئېسىقلىق تۇرىدۇ. قاسىم پالۋان ئۆلگەن كۈننىڭ ئەتىسى خەلق قاسىم پالۋان باشلىق قۇربان بولغان بەش كىشىنىڭ جەسىتىنى بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىدۇ.
قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەشكىلاتچىسى ۋە دەسلەپكى قەھرىمانى قاسىم پالۋان توغرىسىدا خەلق مۇنداق قوشاق توقۇيدۇ:
بۇلاقنىڭ دادۇرى،
ئىككى يۈز پالۋانغا ئاش بولدى.
قارا مۇقچىدىكى جەڭدە،
قاسىم پالۋان باش بولدى.