UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەكبەر غولام

ئەكبەر غولام

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەكبەر غولام 1952 - يىلى 9 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسدە تۇغۇلغان، 1960 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە بېيجىڭغا يۆتكىلىپ بېرىپ، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بېيجىڭ شەھىرىدە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1969 - يىلى قايتا تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا كېلىپ بىر مەزگىل ئىشلىگەن، كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1957 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ <شىنجاڭ گېزىتى> خەنزۇ تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1980 - يىلى بېيجىڭغا يۆتكىلىپ بېرىپ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى <مىللەتلەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان، ھازىر شۇ ژۇرنال 3 - تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئەكبەر غولام ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1978- يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <كاندىن كەلگەن خەت> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئىزچىل تۈردە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <يامغۇردا قالغان سۆيگۈ>، <گۇمان>، <مودا قالپاق> قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ھېكايە؛ <ئاي كۆيۈپتۇ>، <ئاھ، ئاجىز بەندىلەر>، <بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا> قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان. ئەكبەر غولام <مىللەتلەر ئەدەبىياتى> ژۇرنىلىدا ئىشلىگەندىن بېرى، ئەدەبىي تەرجىمە شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر تۈركۈم ياخشى ئەسەرلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ <ئۆمۈر داستانى> ناملىق ئەسىرىنى، جوڭگو ۋە چەت ئەل نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان، <جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تارىخى> ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەرنى يېزىشقا قاتناشقان ھەم ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر قىسىم ماقالىلەرنىمۇ يازغان. ئەكبەر غولامنىڭ <يامغۇردا قالغان سۆيگۈ> ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى 1993 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئەكبەر غولام ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى