مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خەراباتى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خەراباتى مىلادى 1638 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىسىنىڭ چوغتال كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانلىرى ئابدۇللاخان، يولۋاس سۇلتان ۋە ئىسمائىل خان دەۋرلىرىدە 40 يىل ياشىغان. ئۇنىڭ ئاخىرقى 52 يىللىق ئۆمرى ھىدايىتۇللا ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ مۇرتلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە بىۋاسىتە قول سېلىشى بىلەن كۆتۈرۈلگەن نىزالار، «ئاق تاغلىق»، «قارا تاغلىق» خوجىلار سىياسىي مەزھىپىنىڭ غەليانلىرى، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئاپاق خوجىنىڭ تەلىپىنى باھانە قىلىپ يەكەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان ئۇرۇش پاجىئەلىرى، ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مۇدھىش جاھالەتلىك يىللار قاينىمىدا ئۆتكەن.
خەراباتى ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بارلىق مال - مۈلكىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرىپ ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە 13000 مىسردىن ئارتۇق مەسنەۋى شەكلىدە يازغان شېئىرىنى رەتلەپ،. ئۆزىنىڭ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان «كۇللىيات مەسنەۋى خاراباتى» ناملىق توپلىمىنى ئىشلەپ چىقىدۇ.
شائىر 88 يېشىدا (مىلادى 1726 - يىلى) تۈزگەن «كۇللىيات مەسنەۋى خاراباتى» تېمىسىنىڭ كەڭ ۋە خىلمۇ خىللىقى (ئۇ 112 ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئەخلاقىي تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)، مەزمۇنىنىڭ موللۇقى، ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتى ئۇسلۇبى، ئۇيغۇر ۋە شەرق خەلقلىرى ئاغزاكى ئىجادىيىتى ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىدە ئىجادىي گەۋدىلەندۈرگەنلىكى ۋە راۋاجلاندۇرغانلىقى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، تىلىنىڭ ساددا ۋە ساپلىقى قاتارلىق ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ، شائىر ئىجادىنى ئورگىناللىققا، يۇقىرى قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن، شائىر «مەسنەۋى خاراباتى» نىڭ 46 - ماۋزۇسى: «بۇ پەسىلدە دىن پۇرۇش ۋە دۇنيا تەلەب ۋە شەيخى زەر تەلەبلەرنى ئەيتۇر» دا تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ:
«ئەي ئوغۇل بول دىن پۇرۇشلۇقتىن يىراق،
دىن پۇرۇشۇ دىل خۇرۇشلۇقدىن (غەۋغا) يىراق.
دىن پۇرۇشلا ئەھلى بى تەمىز بولۇر،
ئاقىبەت ئول دىن پۇرۇش تونگۇز بولۇر.
........... ........ .........
كىم دۇئانى قىلسە دۇنيا ۋەجھىدىن،
بولغاي ئول سائەتدە تەرسا گەبرىدىن. (ئوتقا چوقۇنغۇچى، ئاتەشپەرەس.)
كىم دۇئانى قىلسىلەر دۇنيا ئۈچۈن،
بولغاي ئول دەرگاھىدە ئىتدىن زەبۇن.»
مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خەراباتى مىلادىيە 1730 - يىلى ئۆز يۇرتى ئاقسۇدا 92 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنى چۈشەنگەن ۋە ھۆرمەتلەپ كەلگەن خەلق شائىرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھەيۋەتلىك «ھاجى خەراباتى مەقبەرىسى» ۋە «ھاجى خەراباتى خانىقاسى» نى بىنا قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق خاتىرىلەپ، ئەسلەپ كەلگەن.
شائىرنىڭ دىۋانى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تاشكەنت قاتارلىق قايلاردا «مەسنەۋى خاراباتى»، «كۇللىيات مەسنىۋى خاراباتى» دېگەن ناملار بىلەن بىر قانچە قېتىم بېسىپ تارقىتىلغان.