UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەخمەتجان قۇربان

ئەخمەتجان قۇربان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ياش ئەدىب ئەخمەتجان قۇربان 1960 - يىلى قورغاس ناھىيسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى كۆكدالادا تۈگەتكەن، 1983 - يىل 2 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلىمەكتە. ئەخمەتجان قۇربان ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1978 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <كۆكدالا> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، <سايرامدا سەھەر>، <ياشلىق بىزدىن ئۇزاپ كەتتى بەك>، <خەير - خوش بۈگۈنكى قۇياش>، <ئايدىڭ كېچە> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلار؛ <قۇياش ۋە مۇماي>، <يالغۇز تام>، <بەسلىشىش>، <ئالتۇن ئۈزۈك>، <كېچىدىكى تاپاۋەت>، <يازىدىغانلار باي بولۇپ كەتتى> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <ھەسەت ئوتىدىن تۆرەلگەن جەسەت>، <تېڭىرقىغان ئەپسانىلەر>، <قىش ناخشىلىرى> قاتارلىق نەسرلەرنى؛ <ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى >شاراب< سۆزىنىڭ بەدىئىي ۋاستە بولۇپ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا>، <شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي كەڭلىك، شېئىرىي تىل ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>، <ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا> قاتارلىق ئىلمىي ماقالە ۋە ئوبزۇرلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئەخمەتجان قۇربان يەنە <ياشلىق ساداسى>، <باغۋەنلەر مەرىكىسى>، <ئىلىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر>، <سېھىرلىك سىمفونىيە> قاتارلىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى ۋە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ ئورىگىنالىنى يازغان. ئەخمەتجان قۇربان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەخمەتجان قۇربان | UyghurWiki | UyghurWiki