مىرزا ئىسھاق
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مىرزا ئىسھاق ۋاڭ كۇچا، قەشقەرلەردە ۋاڭ بولغان 1859 - يىلى چوڭ - كىچىك خوجىلار تىنچىتىلغان بولسىمۇ، بۇرھانىدىن خوجىنىڭ ئوغلى سامساق خوجا ئىسيانغا تەييارلىنىدۇ. سامساق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى يۈسۈپ خوجىنىڭ جاھانگىر خوجا، باھاۋىدىن خوجا دېگەن ئىككى ئىنىسى 1820 - يىلىدىن 1828 - يىلىغىچە بەش قېتىم ئىسيان قىلىدۇ. قوقەنت خانى مەدىلى خاننىڭ ياردىمىدە ئىسيانچىلار قىرغىز خەلقىنى بۇلاپ تالايدۇ. جاھانگىر خوجا 1820 - يىلى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ، ھەرقايسى ئۇرۇشتا يېڭىلسىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي بەش قېتىم چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ ئاخىرقى ھۇجۇمىدا قەشقەردىن قېچىپ، مۇجى، ئالاي، لاخشا، دەرۋاس قاتارلىق جايلاردا يۈرۈپ، 1828 - يىلى چاغان ۋاقتىدا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ قېتىم ئاتۇش خەلقى ئەگەشمەيدۇ. جاھانگىر خوجا ئىلاجسىز قېچىپ كېتىدۇ.(«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىن). جاھانگىر خوجا نائىلاج «ئىسھاق ۋاڭ سىز كېلىپ مېنى باغلاڭ، خانغا ئاپىرىپ ئىنئام ئېلىڭ!» دەيدۇ. ئىسھاق ۋاڭ «تەقسىر، جانابلىرىنى قانداق باغلىغىلى بولسۇن» دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرىدۇ. جاھانگىر خوجا بېلىدىكى رومىلىنى ئېلىپ ئىككى قولىنى ئۆزى باغلاپ «مەندىن ئىجازەت، باغلانغان ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن يىتىلەپ بېرىڭ» دەيدۇ. ئىسھاق ۋاڭ «خوش» دەپ يىتىلەپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ قوماندانى ياڭ فاڭنىڭ يېنىغا بارىدۇ. 1928 - يىلى 6 - ئايدا جاھانگىر خوجا بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىلىپ شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلىدۇ. («تارىخىي ھەمىدىيە» دىن ئېلىندى).