UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھۈسەيىن بايقارا

ھۈسەيىن بايقارا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى تونۇلغان دۆلەت ئەربابى، ئەدىب ھۈسەيىن بايقارا بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى بىلەن بىرگە 15 - ئەسىر چاغاتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ھۈسەيىن بايقارا 1438 - يىلى ھىراتتا توغۇلغان. ئۇ تۆمۈر نەسلىدىن بولۇپ، ئاتىسى مىرزا مەنسۇر مىرزا بايقارانىڭ ئوغلى ئىدى. نەۋائىنىڭ ئاتىسى بىلەن ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئاتىسى ئىلىمداشلاردىن بولغان، ھۈسەيىن بايقارا بىلەن نەۋائى بالىلىق مەزگىلىدىن تارتىپلا يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتكەن، بىر مەزگىل بىرگە ئوقۇپ، بىرگە تەربىيىلەنگەن. ھۈسەيىن بايقارا ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ساراي خىزمىتىگە كىرىدۇ. تۆمۈرىلەرنىڭ تەخت تالىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تالاش - تارتىش، كۈرەشلىرىگە قاتنىشىدۇ، ئۆزىمۇ تەخت ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ، ئاخىر، 1469 - يىلى مارتتا سۇلتان نابۇسەئىد مىرزا ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، ھىراتتا شاھلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ. ھۈسەيىن بايقارا تەختكە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، سەمەرقەندتە تۇرۇۋاتقان دوستى ئەلىشىر نەۋائىنى ئۆز يېنىغا چاقىرتىدۇ. نەۋائى ھىراتقا كەلگەندىن كېيىن ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، ئىگىلىكنى، پەن - مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدۇ. ھۈسەيىن بايقارا مەرىپەتپەرۋەر شاھلاردىن بولۇپ، ئۇ ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرنىڭ سىياسىي - ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ھۈسەيىن بايقارا پارس تىلىنى خۇددى ئۆز ئانا تىلىغا ئوخشاش ئوبدان ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئۆز ئەسەرلىرىنى ئانا تىلدا - تۈركىي تىلدا يېزىپ، نەۋائى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىي تىلىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى قوغدىدى. مەلۇمكى، شاھلىق تەختىدىكى ھۈسەيىن بايقارانىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئەينى دەۋر ئەدەبىي ھاياتىدا زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئەلىشىر نەۋائى «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» ناملىق ئەسىرىدە ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئەينى دەۋر مەدەنىي ھاياتىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا، ئۇنىڭ بەدىئىي دىت - ئىقتىدارى ۋە شېئىرىي ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنۇلارنى يازغانىدى: «بۇ شاھ يۇرتنى ئەمىنىيەت گۆھەرلىرى بىلەن بېزىدى، مەملىكەتكە بىرلىك ئۇرۇقلىرىنى ئەكتى. مەنا گۆھەرلىرىنىڭ كانى بولغان بىجىرىم قەلبى ۋە خۇدا بەرىكەتلىرىنىڭ ئورنى بولغان توغرا زېھنى بىلەن ئىلىم ئەھلىگە ئاسايىشلىق ۋە شاد - خۇراملىق، ئىلىم ساھەسىگە روناقلىق ۋە تەرەققىياتلار بەخش ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى پەنلەر بويىچە بەھىزلىك ئەسەرلەر، مەزمۇنلۇق رىسالىلەر، بارلىققا كەلدى، ئاجايىپ دىۋان، غەزەل، قەسىدە ۋە مەسنەۋىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. شاھ ئۆزى گەرچە فارسىي تىل بىلەن تۈركىي تىلىنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە سۆزلەش ۋە چۈشىنىشلىك تىلدا ئىپادىلەش ئىستىكى بىلەن تۈركىي دىۋان تۈزۈشكە ئىختىيار قىلىپ، ئۇنى شۇنداق يېقىملىق بېيىت ۋە تەڭداشسىز غەزەللەر بىلەن تولدۇردىكى، پەلەك دىۋانخانىسىنىڭ قەلەمكىشى، ئاسمان ئىنتىزامخانىسىنىڭ رەقەمچىسى بولغان ئۇتارىد (مىركۇرى) يۇلتۇزىمۇ ئانداق نازۇك گۈل ۋە رەيھانلار بىلەن ياسانغان گۈلشەننى ۋە ئانداق بىباھا مەنە گۆھەرلىرى بىلەن بېزەلگەن خەزىنىنى كۆرگەن ئەمەس.» ھۈسەيىن بايقارانىڭ «ھۈسەيىنىي» تەخەللۇسى بىلەن يازغان غەزەللىرىدىن تۈزۈلگەن دىۋانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، دىۋاندىكى غەزەللەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەينى دەۋر ئەدەبىياتى ئۈچۈن خاراكتېرلىك بولغان؛ ئاھاڭدار، ساددا ۋە راۋان تۈزۈلۈشى بىلەن تۈركىيگوي شائىرلارنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا ئايلانغان «رەمەل مۇسەممەنى مەقسۇر» ۋەزنىدە تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھەممە غەزەللىرى دېگۈدەك مۇھەببەت تېمىسىدا بولۇپ، ئۇ ئىشقىي - مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ھەمدە ئاشىققا ئۇ سەۋەبىدىن كەلگەن ئىزتىراپ، ئىچكى كەچۈرمىلەرنى تەسۋىرلەشتىكى ئاجايىپ ماھارىتى بىلەن ئۆز دەۋرىدىلا تونۇلغان. ئەلىشىر نەۋائى ئۇنىڭ بەدىئىي دىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، «مەجالسۇن نەفائىس» ئەسىرىنىڭ سەككىزىنچى مەجلىسىنى مەخسۇس ھۈسەيىنىي ئىجادىيىتىگە بېغىشلىغان، ئۇنىڭ غەزەللىرىدىن كۆپلىگەن بېيىتلارنى مىسال ئېلىپ، تەرىپلىگەنىدى. مەسىلەن، ھۈسەيىنىي ئۆزىنىڭ بىر غەزىلىدە ئىشق ئوتى توغرىسىدا مۇنداق گۈزەل مىسرالارنى تىزىدۇ: «بەس ئەمەس ماڭا ھەم ئۆز ئوتۇم ھەم يار ئوتى، كىم، ئاڭا ئەفزۇن (ئارتۇق، ئەۋزەل.) داغى بولمىش يانا بىر زار ئوتى. ئۆز ئوتۇم كۆڭلۈمغە ئافەت، يار ئوتى جانغە بەلا، باھىسى ئەندۇھۇ (قايغۇ، غەم) دەرد ئول بىدىلى (ئاشىقلىق) بىمار ئوتى. بۇ بەلا بەرقى، ئول ئافەت دوزەخى كۆر تۇرفەكىم، تېز ئېتەر بۇ ئىككىنى بىر خاتىرى ئەفگار (يارىدار، خەستە.) ئوتى. بۇيلە ئۈچ ئوت بۇ كۆڭۈلگە تۇشسە كۆيمەي نەيلەگەي، ئويلەكىم، بۇلبۇل ئوتىيۇ، گۈل ئوتىيۇ، خار ئوتى. جانى كۆڭلۈم بىرلە باغرىم كۆيدى بۇ ئۈچ بىلە، ياخشى باقسام يۈز تەمۇغچە (دوزاخ) ھەر بىرىنىڭ بار ئوتى. ئۆز ئوتۇم يا يار ئوتىگە گەرچە تەسكىن بەرسە ئەشك (كۆز يېشى)، بەھ، ئەنى نەيلەيكى، قىلغاي يۈز چەقىن ئىزھار ئوتى. گەر ھۈسەينىيغە بىر ئوتلۇق يۈز غەمى ئوت سالمىسا، بەس نېچۈك ئالەمنى كۆيدۈردى نەۋائىيدار ئوتى؟» شائىر قەلىمىدىكى ئىشق ئوتى ئۈچ ئوت بولۇپ، ئۇ ئۆز ئوتى، يار ئوتى ۋە يارغا بولغان زارلىق ئوتىدۇر. ھۈسەيىن غەزەللىرىدە ئەينى دەۋردە ئەنئەنىگە ئايلانغان مەي تېمىسىدىكى بېيتلارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇ ئۆز دىۋانىغا يەنە بىر قىسىم مۇخەممەس، رۇبائى ۋە فەردلەرنى كىرگۈزگەن. ھۈسەيىن بايقارا ئىجادىيىتىدىن بىزگە يەنە بىر نەسرىي ئەسەر يېتىپ كەلگەن. «رىسالەئى ھۈسەيىن بايقارا» دەپ ناملانغان مەزكۇر رىسالە 1945 - يىلى تۈرك ئالىمى ئىسمائىل ھېكمەت ئېرتويلان تەرىپىدىن ئاماسىيا كۈتۈپخانىسىدىن بايقالغان ۋە شۇ يىلى ئۇنىڭ فوتو فاكسمىلى نەشىر قىلىنغان. ئاففانىستانلىق ئالىم مۇھەممەد ياقۇپ ۋاھىدى جوزجانى 1968 - يىلى كابولدا ھۈسەيىن بايقارانىڭ تولۇق دىۋانىنى ۋە ئۇنىڭ ئاخىرىغا رىسالىنىڭ خاتالاردىن خالىي تېكىستىنى قوشۇپ نەشىردىن چىقاردى. ھۈسەيىن بايقارا رىسالىسىدە ئۆزىنىڭ ئىجابىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ھەمدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەملىكەتتە بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ راۋاج تېپىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە، ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئەدىبلىرى _ جامى، نەۋائى ھەققىدە توختىلىدۇ، نەۋائىنىڭ «خەمىسە» يارىتىشتىكى يۈكسەك ماھارىتىنى مەدھىيلەيدۇ. نەۋائى «نەزمۇل جەۋاھىر» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ھۈسەيىن بايقارا رىسالىسىنى: «گۈزەل سۆزلىرى قىممەت باھا ئىنجۇلەرگە تولغان ۋە نازۇك مەنىلىرى ئوتلۇق ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن» دەپ تەرىپلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ «نەزمۇل جەۋاھىر» ناملىق ئەسىرىنى ھۈسەيىن بايقارا رىسالىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ياراتقانلىقىنى ئېيتىدۇ. نەۋائى ئەسىرىدىن ھۈسەيىن بايقارا رىسالىسىنىڭ ھىجرىيە 890 - (مىلادىيە 1485 -) يىلى يېزىلغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن. ھۈسەيىن بايقارا ئەلىشىر نەۋائىدىن بەش يىل كېيىن، مىلادىيە 1506 - يىلى شەيبانىيلارغا قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ سەپىرى داۋامىدا ۋاپات بولدى
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى