ھەيدەر خارەزمى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ھەيدەر خارەزمى 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
دەۋلەتشاھ سەمەرقەندى ئۆزىنىڭ «تەزكىرەتۇش شۇئەرا» ئەسىرىدە ھەيدەر خارەزمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ: «سۇلتان ئىسكەندەر ھۆكۈمرانلىقىدا پازىل كىشىلەردىن ..... مەۋلانا ھەيدەرلەر بار ئىكەن. مەۋلانا ھەيدەرنىڭ تۈركىي ۋە فارسىي تىللاردا يازغان ياخشى شېئىرلىرى بار ۋە نىزامىيىنىڭ «مەھزەنۇل ئەسرار» ىغا تۈركىي تىلدا جاۋاب يېزىپ، ئۇنى شاھزاد ئىسكەندەر نامىغا بېغىشلىدى» دەپ يازغان بولسا، ئەلىشىر نەۋائى «مەجالىسۇن نەفائىس» ئەسىرىنىڭ يەتتىنچى مەجلىسىدە «مەۋلانا ھەيدەر تۈركىيگوي» ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۇنىڭ «مەھزۇنۇل ئەسرار» ئەسىرىدىن تۆۋەندىكى بېيىتنى مىسال كەلتۈرىدۇ:
«ھىممەت ئىلىدۇر _ يادى بەيزا دېگەن،
ئەر نەفىسىدۇر _ دەمى ئىسا دېگەن.»
ئەلىشىر نەۋائى يەنە «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» ئەسىرىدە ئەمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ ئوغلى ۋە ئىزباسارى شاھرۇخ سۇلتان دەۋرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆتكەن مەشھۇر ئەدىبلەر قاتارىدا ھەيدەر خارەزمىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. (ئەلىشىر نەۋائى: «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1988 ، 46 - بەت.).
ھەيدەر خارەزمى ئىجادىنىڭ تونۇلغان مەزگىلى تۆمۈرىيلەردىن ئۆمەر شەيخنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر مىرزا دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئەپسۇسكى، شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ھەيدەر خارەزمىنىڭ شېئىرلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
شائىر ھەيدەر خارەزمىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن «مەھزەنۇل ئەسرار» («سىرلار خەزىنىسى») ناملىق ئەسىرى تۈركىي تىلدىكى ئەخلاقىي - پەلسەپىۋى داستانچىلىقنىڭ يىرىك نەمۇنىسى ھېسابلىنىدۇ.
ھەيدەر خارەزمى «مەھزەنۇل ئەسرار» دا دەۋر تەلىپى بىلەن باغلىق ھالدا مەركەزلەشكەن دۆلەت ۋە ئادىل ھۆكۈمدار غايىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەسەر مەسنىۋى شەكلىدە 639 بېيتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تىلىنىڭ ساددىلىقى، پىكرىنىڭ ئىخچام ۋە جەزىبدار ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىنىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن نىزامىينىڭ ئەسىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
شائىر ھەجىم جەھەتتىن ئانچە چوڭ بولمىغان بۇ ئەسىرىدە ھېكايەتلەرنى شېئىرىي شەكىلدە يازىدۇ. ھەر بىر كىچىك ھېكايەتتە چوڭ ۋە مۇھىم بولغان بىر تېمىنى ئېچىپ بېرىشكە، خاراكتېرلىك ئوبراز ۋە پورتىرىتلار يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. قىسقىسى، «مەھزەنۇل ئەسرار» ئەسىرىدىن ھەيدەر خارەزمىنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ يېتىلگەن بىلىمدانى، شائىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.
ھەيدەر خارەزمىنىڭ «مەھزەتۇل ئەسرار» ناملىق ئەسىرى ئەلىشىر نەۋائىغىچە بولغان مەزگىلدە چاغاتاي (تۈركىي) تىلىدا يارىتىلغان نادىر ئەدەبىي مىسرالاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ.