UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقوشقار باي

قوشقار باي

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى قوشقار باي ئۆزبېك، ئۇ 1930 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا قېچىپ كەلگەن ئاتالمىش قوراللىق باسمىچىلارنىڭ ئاتامانلىرىدىن بولغان يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ ئىستېداتىلىق ھەربىي، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان ئالدىنقى سەپ رازۋېد ئوفىتسېرى ۋە ھۇجۇمچى ئەترەت كوماندىرى (ئاشكارىلانمىغان ئۇنۋانى پولكوۋنىڭ ). قوشقار باي 1934 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىلىرى قەشقەر خەلقىغە ئۇنتۇلغۇسىز بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى بىلەن قوشۇن باشلاپ، قەشقەرگە كەلگەن خوجىنىياز ھاجى قەشقەر يېڭىشەھەرنى تۆت تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ماجەنساڭ قىسمى بىلەن جەڭ قىلۋاتقاندا جوجىنىياز ھاجىنى ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن مافۇيەن قىسمى پەيزىۋاتتا يولىنى توسقان ھەمدەمبەگ ھاجى، يۈسۈپجان قۇربېشى قىسمىنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ. بۇ خەۋەردىن تەمىتىرىگەن خوجىنىياز ھاجى 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھەرىنى تاشلاپ، يەكەنگە، سابىت داموللا، مەھمۇت مۇھىتلار يېڭىسارغا، ئاتالىمىش «شەرقىي تۈركىسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ھەربىي مىنىستىرى ئوراز بەگ ئۇلۇغچاتقا كېتىدۇ. زەيدىن كاراۋان بىرىگادىسى ئۈستىن ئاتۇش تاغ ئېغىزىغا، كىچىك ئاخۇن بىرىگادىسى ئاستىن ئاتۇش تاغ ئېغىزىغا ئورۇنلىشىدۇ. مۇھاپىزەت قوماندانى يۈسۈپجان قۇربېشى ئوپال، تاشمىلىق تەرەپكە ئورۇنلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ھۇجۇمچى قىسىمى قوشقار باي ئەترىتىنى قەشقەرلىك چارروسىيەپەرەس كاتتا باي ئىمىن پېتەكنىڭ سەمەندىكى باغ ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مافۇيەن قىسمى ئەتىسى، يەنى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بوش قالغان قەشقەر شەھىرىگە بۆسۈپ كىرىدۇ. مافۇيەن قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلىدە، كىچىك ئاخۇن بىرگادىسىدىكى رىشتەم (1) رىشتەم ئاستىن ئاتۇشلۇق، ساۋاتسى ئادەم بولۇپ، 1924 - يىلىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارىدىغان ئەتكەسچىلەرنىڭ ماللىرىنى چېگرادىن يوشۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، يۇرت كۆرۈش جەريانىدا كۆزى ئېچىلغان. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىغا قىزىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سىياسىي تەشكىلاتلىرىغا قاتناشقان.40 - 50 ئەسكىرى بىلەن قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، مافۇيەنگە قوشۇلىدۇ. مافۇيەن رىشتەمگە «پارتىزان قوماندانى» دەپ نام بېرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا مافۇيەن شەھەر مۇداپىئە قىسىمى بىلەن «پارتىزان قوماندانى» رىشتەمنىڭ قىسمىنى قەشقەردە قالدۇرۇپ، بىر بۆلۈم قىسىمى بىلەن ئاتۇشقا قاراپ يولغا چىقىدۇ، دەل شۇ چاغدا ئىمىن پېتەك ئۆز بېغىدا يوشۇرنۇپ ياتقان قوشقار بايغا مافۇيەن قىسمىغا ھوجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلىپ كېلىدۇ. (بۇيرۇقنىڭ نەدىن بېرىلگەنلىكى نامەلۇم) قوشقار باي ئۆز قىسمىنى باشلاپ، مافۇيەن قىسىمىغا ھوجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىدۇ. مافۇيەننىڭ زۇلىمىدىن بىزار بولغان خەلق قوشقار باي قىسمىنى قارشى ئالىدۇ. بۇ خەۋەر مافۇيەنگە يەتكەندىن كېيىن، ئۇ قىسمىنى باشلاپ قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ، قوشقار باينىڭ ھۇجۇمچى قوشۇنىنى تازىلايدۇ. مافۇيەن قوشقار باينىڭ قەشقەر شەھىرىگە بېسىپ كىرىشىگە، ئىمىن پېتەك يەتكۈزگەن بۇيرۇق سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە رىشتەمگە ئىمىن پېتەكنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. مافۇيەننىڭ ئادەملىرى پېتەكنى قىيىن - قىستاقلار بىلەن ئۆلتۈرۋېتىدۇ. ھەم 1934 - يىلى 2 - ئاينىڭ 6 -، 7 - كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش، ئوت قويۇش، باسقۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا ئالتە مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ پۇقرانى قىرىپ تاشلايدۇ. بۇ كۈنلەردە قوشقار باي غايىب بولىدۇ. 1934 - يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزون شىتابىدىكى سوۋېت ئوفىتسېرلىرى «پارتىزان قوماندانى» رىشتەمنى تۇتۇپ، گارنىزون شىتابىغا قامايدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇرت خەلقى گارنزون قوماندانى مەھمۇت مۇھىتىغا ئىلتىماس قىلىپ، رىشتەمنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىدۇ. لېكىن، شۇ كۈنى تۈن يېرىمىدا نامەلۇم ئادەملەر رىشتەمنى ئۆيدىن چاقىرىپ چىقىپ، ئېتىز بېشىدا ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. قەشقەر «ھىلالى ئەھمەت» نىڭ مەسئۇلى مۇسا ئەپەندىنىڭ يازمىشىدا، قەشقەردىن غايىب بولغان قوشقار باي ئاشۇ كۈنلەردە يەركەنگە كېلىپ، ساقچى ئەمەلدار بولۇپ ئىشلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قوشقار باي | UyghurWiki | UyghurWiki