UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابلىمىت قۇربان

ئابلىمىت قۇربان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئابلىمىت قۇربان (ئەدەبىي تەخەللۇسى - ساباھى) 1945 - يىل 9 - ئايدا پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ يېڭى مەھەللە يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1953 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغان، 1985 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر <قەشقەر گېزىتى> ئىدارىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ. ئابلىمىت قۇرباننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1961 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <بوستان بولدى چۆللۈكلەر> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغان ھەر خىل ژانىرلاردا نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان، ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيىتى بالىلار شېئىرلىرىدا كۆرۈلىدۇ. ئابلىمىت قۇرباننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <خۇش ئاۋازلار> (زۇنۇن ئېلى بىلەن بىللە، 1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ھۇرۇنجان بىلەن تېتىكجان> (ئادىل ئابدۇراخمان بىلەن بىللە، 1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <خۇش پۇراق غۇنچىلار> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دارىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئابلىمىت قۇربان ھازىر مۇدىر مۇھەررىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابلىمىت قۇربان | UyghurWiki | UyghurWiki