UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسۇلتان مەھمۇدخان

سۇلتان مەھمۇدخان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى سۇلتان مەھمۇدخان يۇنۇسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادىيە 1487 - يىلى يۇنۇسخان ئۆلگەندن كېيىن، يەتتىسۇ، فەرغانە ۋە تاشكەنت رايونلىرىنى بۆلۈۋېلىپ خانلىق قىلغان. سۇلتان مەھمۇدخان زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ تاغىسى بولۇپ، بابۇر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە ئۇنىڭ شەيبانىخانغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىپ تۇرغان. بابۇرمۇ سۇلتان مەھمۇد خاننى ناھايىتى ھۆرمەتلىگەن ۋە شېئىرىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلىشىپ تۇرغان. سۇلتان مەھمۇدخان ئۆز زامانىسىدە تونۇلغان شائىرلاردىن بولغانلىقى، تۈركىي ۋە فارسىي تىللاردا كۆپلىگەن ياخشى شېئرلارنى ئىجاد قىلغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرىدىن پەقەت بىر بېيىتلا ئەنە شۇ تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن: «ئەھلى دۇنيا بىرلە دۇنيادىن ۋەفا كۆرمەس كىشى، ئەي، خۇش ئول ئازادە كىم ئالەم بىلەن يوقتۇر ئىشى.» 1502 - ييىلى سۇلتان مۇھمۇدخاننىڭ ھاكىمىيىتى دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرىنىڭ رەھبىرى شەيبانىخان تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. 1509 - يىلى مەھمۇدخان شەيبانىخانغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، خوجەنت دېگەن جايدا ئالتە ئوغلى بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى