UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىموللا پازىل

موللا پازىل

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يېقىندا شائىر موللا پازىلنىڭ «لەيلى - مەجنۇن» ناملىق قول يازما داستانىنىڭ تېپىلىپ، «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1988 - يىللىق 1 -، 2 - سانلىرىدا ئېلان قىلىنىشى (رەجەپ ئىمىن نەشىرگە تەييارلىغان) بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى يەنە بىر يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولدى. داستاننىڭ ئالدىنقى 15 ماۋزۇسى دىباچە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاللاغا، مۇھەممەد پەيغەمبەرگە، ئۇنىڭ چاھارىيارلىرىغا، ھەسەن - ھۈسەنلەرگە نەئىت ۋە مەدھىيلەر ئېيتىدۇ. ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى قەلەم، قەغەزنىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق ۋاسىتىلىك، كېيىنكى ماۋزۇلاردا بىۋاسىتە بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى 15 - ماۋزۇ _ «موللا كىچىكنىڭ ئەھۋالىنىڭ بايان» بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، ئۇ بىزنى مۇئەللىپ ھەققىدىكى بەزى مۇھىم پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ماۋزۇ ئاستىدا شائىر ئۆزى ھەققىدە: ئاتىم فازىل ئىدى بولدى كىچىك نام، «كىچىك» دەر ئېردى بارچە خاس ئىلە ئام. دەپ يازسا، ئەسىرىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى ھەققىدە: كىتابىم تەئرىخى «قايغۇ» دا ئېردى، دېمەك غەم غۇسسەئى قايغۇدا ئېردى. دەپ يازىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن، شائىرنىڭ ئىسمى پازىل بولۇپ، «كىچىك» تەخەللۇسى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا تونۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ «لەيلى - مەجنۇن» داستانىنى ئەبجەد ھېسابى بويىچە ھىجرىيىنىڭ 1117 - يىلى (مىلادىيە 1705) يازغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شائىرنىڭ: ئۆزۈمنىڭ سنۇسالىم «ھەمدە» ئېردى، دىلۇ جانىم، خىيالىم غەمدە ئېردى. دېگەن مىسرالىرىدىكى «ھەمدە» سۆزى ئەبجەد ھېسابى بويىچە 52 رەقەمنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، موللا پازىل بۇ داستاننى يازغان ۋاقىتتا 52 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ توغۇلغان ۋاقتى مىلادى 1653 - يىلغا توغرا كېلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۆزى ھەققىدە يازغانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سوپۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھاياتى كەمبەغەللىك ۋە قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن. يوقسۇللۇق سەۋەبىدىن تۇرمۇشىدىكى كەم - كۇسىلىرىنى تولۇقلىيالماي، ئىجارە ھەققى، قەرزلىرىنى تۆلەپ بولالماي، ھاجەتمەنلىك، مۇھتاجلىق ئىچىدە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، غەم - قايغۇغا چۆمگەن. موللا پازىل شان - شۆھرىتى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان خەلقنىڭ ئېغىر، ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى، مىسلى كۆرۈلمىگەن زور ئىجتىمائىي ئاپەت تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان يۇرتىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى خېلى كۆپ مىسرالاردا ئىنتايىن ئوبرازلىق قىلىپ سۈرەتلەپ، ئۆزىنىڭ خەلق بىلەن ھەمنەپەس شائىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. موللا پازىلنىڭ «لەيلى - مەجنۇن» داستانى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ شۇ ناملىق داستانىدىن 221 يىل كېيىن يېزىلغان. مەزمۇن، بەدىئىي قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن موللا پازىلنىڭ «لەيلى - مەجنۇن» ى ئۇستاز ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «لەيلى - مەجنۇن» داستانىدا ئۇچرىمايدىغان بىر مۇنچە ۋەقە يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىتقان، شۇنداقلا ئۇنى ئۆزىگە خاس بەدىئىي قۇرۇلمىغا ئىگە ئەسەر قىلىپ يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ داستانى تىلىنىڭ راۋان، خەلق تىلىغا يېقىنلىقى، ھېسسىياتىنىڭ ساپ ۋە قايناقلىقى؛ ۋەقەلىكلەر ماھىرلىق بىلەن تەشكىللىنىپ، ئاز گەپ بىلەن كۆپ مەزمۇن ئىپادىلەنگەنلىكىدەك ئالاھىدىلىكىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى