موللا مۇھەممەد نىيازى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
موللا مۇھەممەت نىيازى 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر يېڭسار ناھىيە قوناساق كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر شائىرى. ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىدىن بىزگە يېتىپ كەلگىنى ھىجىرىيە 1273 - يىلى (مىلادىيە 1856 - 1857 - يىللار) يېزىلغان «مەنسۇر» (مەزكۇر داستان «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1980 - يىل 2 - سانىدا ئېلان قىلنىغان.) ناملىق داستانىدىن ئىبارەت.
شائىر موللا مۇھەممەد نىيازىنىڭ «مەنسۇر» ناملىق داستانى ئىسلامىيەتتىكى تەسەۋۇپنىڭ تونۇلغان ئىجادچىلىرىدىن بىرى بولغان ئەبۇ مەنسۇر ئەل - ھۈسەيىن ئەل - ھەللاجغا بېغىشلانغان. موللا مۇھەممەد نىيازى مەنسۇر رىۋايىتى ئاساسىدا ئەلى پارىس تىلىدا نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان شۇ ناملىق ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىپ شېئىرىي شەكىلدە ئىجادىي ئىشلەپ چىقىش ئارقىلىق تەسەۋۇپنىڭ دەسلەپكى ئېقىمىنىڭ تونۇلغان ۋەكىلى مەنسۇر ھەللاج ۋە ئۇنىڭ ئىزىنى باسقان ھۇرۇفى نەسىمىگە ھېسىداشلىق قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ئۇلۇغلىغان. ئۇ رىۋايەت تۇسىدىكى بۇ ئەسەرنى ئىجادىي ئىشلەش داۋامىدا يەنە خوجا ئەھمەد يەسەۋىنى رىۋايەت قىلغۇچى قاتارىدا قويغان ھەمدە ئۇ ئارقىلىق مەنسۇر ۋە نەسىمى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى تۈركىي تىللىق خەلقلەردىكى مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر بىلەن باغلىغان.
داستان 1383 مىسرادىنق قۇرۇلغان بولۇپ، ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. غەزەل ۋە مەسنەۋى شەكىلدىكى ئالدىنقى 30 مىسرا كىرىش سۆز، كېيىنكى 1353 مىسرا داستاننىڭ سيۇژىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ قىسىمىدىكى ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ ئىچكى كەچۈرمىلىرىنى ئىپادىلەشتە قوللىنىغان 32 مىسرالىق ئۈچ پارچە غەزەلدىن باشقىسى مۇرەببە شەكىلدە يېزىلغان. داستاننىڭ تېمىسى ۋە مەزمۇنى، بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتلىرىدىكى ئالاھىدىكىلىرىدىن شائىر موللا مۇھەممەد نىيازىنىڭ بىر قەدەر يېتىلگەن، ئۆزىگە خاس پەلسەپىۋى پىكىر، دۇنيا قاراشقا ئىگە ئەدىب ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. شائىرنىڭ تۇرمۇش ئېغىرچىلىقىغا قارىماي، ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلاپ، بىر بۆلۈك ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقى مەلۇم. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ «مەنسۇر»دىن باشقا ئەسەرلىرى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.