موللا مۆمىن يەركەندى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر موللا مۆمىن يەركەندى خوجا جاھان ئەرشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ياشاپ، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەدىبلەرنىڭ بىرى. شائىرنىڭ يېقىندا تېپىلغان شېئىرلىرىدا شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى خوجا جاھان ئەرشىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر ئېچىنىشى، خوجا ئافاقنىڭ نەۋرىسى خوجا بۇرھانىدىننىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش يولىدىكى رەزىل قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىقى ۋە خەلق ئاممىسىنى قىزغىن قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن پاش قىلغانلىقى، ئۇنىڭ «قارا تەقىلىك» خوجىلارغا مەنسۇپ بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىجادىنىڭ ئەرشى ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ داۋاملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«قارا تەقىلىك» خوجىلارنىڭ تارىخىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، خوجا دانىيالنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى ئىچىدە خوجا مۆمىن ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ كىشى خوجا ئابدۇللانىڭ ئىككىنچى ئوغلى خوجا يۈسۈپنىڭ ئىككىنچى ئوغلى خوجا مۆمىن بولۇپ، ئۇ، يەركەندە توغۇلغان. ئاتىسى خوجا يۈسۈپنى جۇڭغارلار ئىلىدا بىر مەزگىل گۆرۈ ئورنىدا تۇتۇپ تۇرغاندا، خوجا مۆمىن تاغىسى خوجا جاھاننىڭ تەربىيىسىدە بولغان. خوجا جاھان ئەرشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، ئۇ خوجا سىدىق فۇتۇھى بىلەن بىللە ئەدەبىي يىغىلىشلارغا قاتنىشىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئەدىبلىرى قاتارىدا تونۇلغان. ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل قەشقەردە ئاكىسى بىلەن بىللە يۇرت سورىغان.
خوجا جاھان ئەرشى ھاكىمىيىتى مۇنقەرز بولۇپ، خوجا جاھان پۈتۈن جەمەتى بىلەن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن مەزگىلدە خوجا مۆمىن ئاكىسى بىلەن بىللە ئۆزىنى چەتكە ئالغان. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرى مەلۇم ئەمەس.
يولداش ئابدۇرەھىم سابىت شائىر موللا مۆمىن يەركەندىنىڭ ھازىرچە تېپىلغان ئىككى پارچە غەزىلىنى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1987 - يىل 6 - سانىدا ئېلان قىلدى.