UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىيۇنۇس موللام

يۇنۇس موللام

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يۇنۇس موللام 1896 - يىلى قۇمۇل شەھىرى پالۋانتۇر يېزا غولئېرىق كەنتىدە گالى ئىمام ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، قۇمۇلدا مەشھۇر ئالىم سەپدەنشاھ ئەلەم ئاخۇنۇمدا ئوقۇيدۇ. ئىلىم تەھسىل قىلىپ، موللا ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش تاماملاپ ئەلگە تونۇلىدۇ. 1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلا قوزغىلىڭى پارتلىغاندا يۇنۇس موللام قوزغىلاڭ سەردارلىرىدىن نىياز دېھقان(نىياز پالۋان)، قاسىم پالۋانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇ يىلى 5 - ئاي ئەتراپىدا شىڭشىڭسيا (ئارا يۇلتۇز) دىن كەلگەن دۈشمەن قىسمى ئۇرۇشقىنى كەتكەن ئەڭ يېقىن كىشىسى قاسىم پالۋاننىڭ قارامۇقچىدا دۈشمەن ئورقىدا جېنىدىن ئايرىلىپ، بېشى كېسىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قەلبىدە ئىنتىقام ئوتى يېنىپ ھەر قايسى جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ. يۇنۇس موللام شۇنىڭدىن كېيىن نىياز دېھقان بىلەن بىرگە بولىدۇ. 1932 - يىلى 6 - ئاي ئەتراپىدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ تۇنجى يىغىنى قۇمۇلنىڭ تاراتۇ دېگەن يېرىدە ئېچىلىدۇ. خۇجىنىياز ھاجى قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. يۇنۇس موللام خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولىدۇ ۋە ئەسكىرى ئىمام بولۇپ سايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يۇنۇس موللام ئىزچىل خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېنىدا بولىدۇ. 1934 - يىلى 8 - ئايدا خوجىنىياز ھاجى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئاپرىسوفنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن، ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا، ھاجىتخان لۈيجاڭ، ئالتۇن سوپاخۇن، قوشۇن بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. 1937 - يىلى 10 - ئايلاردا، شېڭ شىسەي يىغىنغا چاقىرىش بانىسى بىلەن خوجىنىياز ھاجى باشلىق كىشىلەرنى قولغا ئالماقچى بولىدۇ. شۇ كۈنى خوجىنىياز ھاجى يىغىنغا ئالتۇن سوپاخۇن، مېروللا مەرگەن، يۇنۇس موللام قاتارلىق 30 مۇھاپىزەتچىسىنى بىرگە ئېلىپ، دۇبەن مەھكىمىسىگە بارىدۇ. يىغىن زالىغا خوجىنىياز ھاجى بىر مۇھاپىزەتچىسى بىلەن كىرسۇن، دېگەن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. خوجىنىياز ئالتۇن سوپاخۇن دېگەن مۇھاپىزەتچىسىنى ئېلىپ كېرىپ كېتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بىر كىشى چىقىپ يۇنۇس موللامنى ھاجى چاقىرىدۇ، دەپ ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. يۇنۇس موللام كىرگەندە، شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي ساقچىلىرى خوجىنىياز ھاجىغا قورال تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ، خوجىنىياز ھاجى يۇنۇس موللامنى كۆرۈپ، «<بۇلار مېنى قورال تاپشۇر> دەيدۇ. قانداق قىلسام بولىدۇ، سىز بىر نېمە دەڭ» دەيدۇ. يۇنۇس موللام ئەھۋالنى كۈزەتكەندىن كېيىن، «ھاجى ئاكا، بىز مەمۇرىي خادىم تۇرساق، قورالنى نېمە قورالنى نېمە قىلىمىز، تاپشۇرايلى. . . » دەيدۇ. بۇ چاغدا خوجىنىياز «سىز چىقىپ مۇھاپىزەتچىلەرگە دەڭ، قورال تاپشۇرسۇن . . . »دەيدۇ. مۇھاپىزەتچىلەر يېنىغا چىققاندا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىر دوقمۇش ياكى ئىشىكتە قارىمۇ تۇرغان مۇھاپىزەتچىلىرى بىر - بىرىگە قورال تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. يۇنۇس موللام ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، قورال تاپشۇرۇش بۇيرۇقىنى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى ۋە بارلىق مۇھاپىزەتچىلەر قولغا ئېلىنىدۇ. يۇنۇس موللاممۇ قولغا ئېلىنىپ، تۆت ئاي قاماقتا ياتقاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە سىرتقا چىقماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىدۇ. ئۇ بىر مەزگلىدىن كېيىن، قايتا قولغا ئېلىنىپ يېرىم يىلدىن كۆپرەك قامىلىپ، يەنە ئۈرۈمچىدىن سىرتقا چىقماسلىق شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ. يۇنۇس موللام 1933 - يىلى تۇرپاندىن ئالغان ئايالى بىلەن تېپىشىپ، ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تۇرپانغا بېرىپ تۇرىدۇ. كېيىن تۇرپاندىكى ئائىلىسىنى ئېلىپ ئۆز يۇرتى قۇمۇلغا كېتىدۇ. قۇمۇلدا 1947 - يىلى ئاخىرىغىچە تۇرۇپ، كېيىن تۇرپانغا قايتىپ كېلىدۇ.1949 - يىلى 5 - 6 - ئايلاردا كېسەل سەۋەبى بىلەن 59 يېشىدا تۇرپان ئاستاندا ۋاپا بولىدۇ. قوشۇمچە: خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئاراتۈركتە دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان 18 پالۋانمۇ قولغا ئېلىنىدۇ، ئابدۇنىياز مىراپ، باقىنىياز مىراپ، ئىمىن قورمال، تۆلەڭباي، سوپاسۇسۇڭجاڭ، يوغان باش توختى نىياز، گۇڭگۇي ئابدى، شائىر بوۋا قاتارلىق كىشىلەر تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. قەلەم توقسۇن، سېلىمساق خوجىنىياز دېگەن ئىككى كىشى مۇدددەتسىز كېسىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى