رەھمىتۇللا جارى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى رەھمىتۇللا جارى 1926 - يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ بورىچى كوچىسىدا كىچىك تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1937 - يىلغىچە پەننىي مەكتەپ ئۇسۇلىدا ئوقۇتۇلىدىغان دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن ھەم كلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرى بىلەن تونۇشقان، 1937 - يىلدىن باشلاپ قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدە ئېچىلغان <دارىلئولۇم> غا ئىمتىھان بېرىپ كىرىپ، بۇ يەردە مەخسۇس ئەرەب - پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن، 1942 - يىلدىن 1946 - يىلغىچە <قەشقەر - شىنجاڭ گېزىتى> باسماخانىسىدا ئىشلىگەن ۋە شۇ يىللاردا رۇس تىلى ئۆگەنگەن، 1946 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مائارىپ نازارىتى قارمىقىدىكى مەدەنىيەت كىتابخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ۋە ئىشتىن سىرتقى رۇس تىلى ئالىي كۇرسىدا ئوقۇغان. ئۇ، 1948 - يىلدىن باشلاپ <شىنجاڭ گېزىتى> تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەنگەن ۋە قوشۇمچە رۇس تىلى تەرجىمانلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. رەھمىتۇللا جارى 1950 - يىلى جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتىگە يۆتكىلىپ، <جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇقى> ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1953 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش گۇرۇپپىسىدا، 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا <تارىم> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېسىيدە.
رەھمىتۇللا جارى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1946 - يىل 3 - ئايدا <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <سەنئەتكە مۇھەببەت> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاز بولمىغان مۇنەۋۋەر شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ <بىزنىڭ باغ>، <قەلىمىم>، <كۆڭلۈمدە قالماس ئارمىنىم> ناملىق شېئىرلىرى ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
رەھمىتۇللا جارى شائىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ ھازىرغىچە پارسىچىدىن <گۈلىستان> نى، رۇسچىدىن <ئاكا - ئۇكا پېرسۇناژلار>، <سىپارتاك>، <تېنىچ دون> قاتارلىق رومانلارنى، خەنزۇچىدىن <قىزىل راۋاقتىكى چۈش> نىڭ ئىككى قىسىمىنى تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ناھايىتى نەپس، ھېسسىياتلىق بولۇپ، تىل ئىشلىتىشتە ئالاھىدە ماھارەت قوللانغان.
رەھمىتۇللا جارى كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <پەرھاد - شېرىن> (ئابدۇرېھىم نىزارى)، <مەسئۇد - دىلئارا>، <مۇھەببەتنەمە - مېھنەتكامە>، <گۈل ۋە نورۇز>، <پەرھاد - شېرىن> (ناۋائىي) قاتارلىق داستانلارنى؛ ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى، خىرقىتى، نۆبىتىلەرنىڭ شېئىرلىرىنى ھەمدە <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر> نى نەشرگە تەييارلىغان. ئۇ يەنە ناۋائىينىڭ ئولۇغ ئەسىرى <خەمىسە> نىڭ بەش تومىنىڭ جاۋابكار مۇھەررىرىلىك ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەھەتتە بىر مۇنچە ئىلمىي ماقلىلەرنى يازغان.
رەھمىتۇللا جارىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <قەلب سۆزى> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. رەھمىتۇللا جارى ھازىر جۇڭگو يازغۇچلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.