UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەخمەت ۋاجىدى

ئەخمەت ۋاجىدى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەخمەت ۋاجىدى 1906 - يىلى 6 - ئايدا تۇرپاندا دېھقان، سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. ئۇ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن 1931 - يىلىغىچە تۇرپاندىكى مۇھەممەتنىياز مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. <جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما> غا ئەزا بولىدۇ. كېيىن تۇرپان، ئۈرۈمچى، قۇمۇل، لەنجۇ قاتارلىق جايلاردا سودىگەرچىلىك قىلىدۇ. شۇ مەزگىلدىن باشلاپ خەلقئارا فاشىزمغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1941 - يىلى ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، يەر ئاستى خىزمەت ئىشلەيدۇ. 1950 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولىدۇ. ئۇ تىجارەتتە بېيىغاندىن كېيىن، شاڭخەيدىكى <تۇڭجې ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورت شىركىتى> گە پاي قوشۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە لەنجۇدىكى باش شىركەتنىڭ دېرىكتورى بولىدۇ. 1949 - يىلى لەنجۇ ئازاد بولغاندىن كېيىن پىڭ دېخوەي، ۋاڭ جىنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن شىنجاڭ خىزمەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ ئۆمەك باشلىقى بولىدۇ. 1951 - يىلى شىنجاڭ شۆبە بيۇروكادىرلار كۇرسىدا ئوقۇيدۇ. گەنسۇ ئۆلكىلىك مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ، لەنجۇ شەھەرلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭنىڭ لەنجۇدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئالاقە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1981 - يىلى ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. ئەخمەت ۋاجىدى پارتىيە تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرى. ئۇ لەنجۇدا يەر ئاستى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۈچ قېتىم تۈرمىگە ئېلىنىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت يۇقىرى قاتلام زاتلار ئىچىدە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كومپارتىيىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا غەلبىلىك كىرىشى ۋە خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. مەرھۇم ئەخمەت ۋاجىدى ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە كامىل بولۇپ، ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئاسانلا ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ كېتىدىغان چىقىشقاق كىشى ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئىچكى ئۆلكىلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە سودىدا ئاسانلا بېيىپ، <ئىدىقۇت سودا شىركىتى> ۋە ماي زاۋۇتى قۇرىدۇ. كېيىن تىجارەت دائىرىسىنى تىيەنجىن، نەنجىن ۋە شاڭخەيلەرگە كېڭەيتىپ، ئىچكى ئۆلكىدىكى سودىگەرلەرگە تونۇلىدۇ. ئەخمەت ۋاجىدىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلققە قىلىپ بەرگەن ياخشى ئىشلىرى بەدىلىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش ئىمتىيازىنى بەرگەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 4 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3 -، 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 6 -، 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بولىدۇ. ئۇ 1999 - يىلى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 93 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى