UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇرمۇھەممەت دۆلەتى

نۇرمۇھەممەت دۆلەتى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازۇچى ۋە ئەدەبىي تەرجىمان نۇرمۇھەممەت دۆلەتى 1936 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى غۇلجا ناھىيسىنىڭ يېڭىتام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملاپ، 1951 - يىلدىن 1953 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك بيۇكرو كادىرلار مەكتىپدە ئوقۇغان؛ 1953 - يىلدىن 1956 - يىلىچە ج ك پ شىنجاڭ بيۇروسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن، 1956 - يىلدىن 1984 - يىلغىچە بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا، 1984 - يىلدىن 1987 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئىشلىگەن، 1987 - يىل 10 - ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، <شىنجاڭ تەزكىرىسى> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە. نۇر مۇھەممەت دۆلەتى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1957 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <خەتلەرنىڭ رازى> ناملىق ئەسىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ 80 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۇنىڭ خۇشاللىقى>، <پەزىلەتلىك كىشلەر>، <باتۇر رازۋېدچىك>، <پال>، <غالىب>، مارجان بۈۋى< قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى يازغان. نۇرمۇھەممەت دۆلەتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ، 50 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ >گاۋيۈباۋ< رومانىنى، 80 - يىللاردىن تارتىپ چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ >جەمىلە<، >يەر - ئانام<، >تۇنجى مۇئەللىم<، >ئەسردىن ھالقىغان بىر كۈن< رومانىنى، گوركىينىڭ >كىشىلەر ئىشىكىدە< ناملىق رومانىنى، چوڭ ھەجىملىك ئەسەر >ئىنجىل قىسسىلىرى<، >تەۋرات قىسسىلىرى< نى تەرجىمە قىلغان. نۇرمۇھەممەت دۆلەتىنىڭ >پەزىلەتلىك كىشىلەر< (ئابدۇۋەلى قادىر بىلەن بىللە) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى 1991 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. نۇر مۇھەممەت دۆلەتى ھازىر ئالىي مۇھەررىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نۇرمۇھەممەت دۆلەتى | UyghurWiki | UyghurWiki