UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇللا داموللا

ئابدۇللا داموللا

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئابدۇللا داموللا توقسۇنلۇق، ئۇ 1898 - تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەت باقى ھاجىم دېھقان ئۆلىما بولۇپ، ئوغلى ئابدۇللانى توقسۇن ۋە لۈكچۈندىكى خانلىق مەدرىسلەردە ئوقۇتقان. ئابدۇللا قېتىرقېنىپ ئۆگىنىپ «داموللا» لىق ئېرىشاتنامىسىغا ئېرىشكەن. ئابدۇللا داموللا 1933 - يىلى تۆمۈر سىلىڭ (تۆمۈر ئېلى) قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندا، قەشقەردە تۆمۈر سىلىڭ قوشۇنىدا بولغان. كېيىن قەشقەرگە ۋالى بولغان، كېيىن خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بىللە بولۇپ، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنىنىڭ ھەربىي تەمىنات مەسئۇلى بولغان. 1934 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ توقسۇندا جامائەت ئىشلىرى بىلەن بولغان. كېيىن شېڭ شىسەتنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك مائارىلپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، 1936 - يىلى ئۆلكىلىك مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ كۈلەردە شىڭ شىسەي ساقچى باشقارمىسىنىڭ پولك دەرىجىلىك ئەمەلدارى سىيىت ھاجى بىلەن جەنۇىي شىنجاڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1938 - يىلى ئۆلكىلىك تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. 1940 - يىلى 2 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ خوجىياز ھاجىلار بىلەن بىللە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇللا داموللا | UyghurWiki | UyghurWiki