UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەت باغراش

مۇھەممەت باغراش

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى مۇھەممەت باغراش 1952 - يىلى قارا شەھەر ناھىيسىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قارا شەھەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تۈگەتكەن، 1965 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كەسىپ ئۆزگەرتىپ، دەسلەپ بىر مەزگىل ئارتىس بولۇپ ئىشلىگەن، كېىيىن بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ترانسىپورت شىركىتىدە شوپۇرلۇق قىلغان، 1983 - يىلى شىنجاڭ <ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى> دە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1985 - يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە يۆتكەلگەن. ھازىر شۇ جەمئىيەتنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مۇھەممەت باغراشنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1980 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <سەپداش> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان. بۇ تۇنجى ھېكايىسى ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشىپ ئاپتورنى تونۇتقان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ <ساۋاب>، <ئادەملەر>، <يادىكار>، <ئىگىز بىناغا يانداشقان بويكا>، <تەنھا ماشىنا>، <ئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى>، <تۆت قۇلاق>، <چىمچىلاق> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى؛ <مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت>، <ئاقسۇغا بۇغا>، <جىنايەت ۋە جازا> قاتارلىق پوۋېستلارنى، <باھار، زېمىن، روھ> ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي ئاخباراتنى يېزىپ، ئۇيغۇر پروزىچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مۇھەممەت باغراشنىڭ خېلى بىر قىسىم ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. مۇھەممەت باغراشنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ساۋاب> (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <مىراس> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <يادىكار> (1991 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <تۈگىمەس چۈشلەر> (1994 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <ئاقساق بۇغا> (1990 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى، <ياۋا ئەتىرگۈل> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. مۇھەممەت باغراش ھازىر 2 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەت باغراش | UyghurWiki | UyghurWiki