UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەتسايىت ۋاڭ

مەتسايىت ۋاڭ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مەتسايىت ۋاڭنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەت سەئىد ۋاڭ، ئۇ ئىمىن ۋاڭنىڭ چوڭ ئوغلى. لۈكچۈن تىل شىۋىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇھەممەت سەئىدنىڭ نامى مەتسايىت دەپ ئاتالغان. 1933 - يىلى 2 - ئايدىكى چوڭ يېغىلىقتا ئىمىن ۋاڭ كۆيۈپ ئۆلگەندىن كېيىن، مەتسايىت ۋاڭ «پاشا غوجا» نامى بىلەن ۋاڭلىقنىڭ بارلىق مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. 1911 - يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋاڭ ئەۋلادلىرىغا قانۇنلۇق ھالدا ۋاڭلىق مەنسىپى بەرمىگەنىدى، مەتسايىت ۋاڭلىقنىڭ قالدۇق مىراس - مۈلۈكلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا خەلق ئۇنى ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە مەتسايىت ۋاڭ ، بەزىدە «ساچىڭۋاڭ» دەپ ئاتايدۇ. ماتسايىت ۋاڭ بالىلىق چاغلىرىنى ۋاڭلىق ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈپ، مەخسۇس تەلىم ئالىدۇ. لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدە ئۈچ يىل ئوقۇپ، مەلۇم بىلىم - سەۋىيگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك خەنزۇچە - رۇسچە مەكتەپتە ئۈچ يىل ئوقۇيدۇ. مەتسايىت ۋاڭ 1934 -، 1937 - يىللىرى ئۆلكىلىك 2 -، 3 - نۆۋەتلىك ئاۋام خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ. 1948 - يىلى نەنجىڭدا ئېچىلغان گومىنداڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ. بىراق، ئازادلىقتىن كېيىن ۋاڭ پارتىيىمىزنىڭ يېڭى ھاكىمىيەت قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش كۈرەشلىرىگە ئاكتىپ ماسلاشماي ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىپ، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش قاتارلىق ئىنقىلابىي كۈرەشلەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شۇڭا، 1951 - يىلى 8 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن قلغا ئېلىنىپ، پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىشى بىلەن 1951 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. 1984 - يىلى پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ھۆكۈمگە قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق، مەتسايىت ۋاڭغا پارتىيىمىزنىڭ بىرلىك سەپ سىياسىتى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام زاتلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنى بېكىتىپ، ئەسلىدىكى ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەتسايىت ۋاڭ | UyghurWiki | UyghurWiki