UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەھمۇت مۇھىتى

مەھمۇت مۇھىتى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى خوجنىياز ھاجى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا، ئۆز قىسىملىرىدىن ھامۇتخان لۈيجاڭنى 500 ئەسكەر بىلەن ئۆزىنى قوغداشقا ئېلىپ قالىدۇ، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرىنى بىر دىۋىزىيە قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇنى 6 - دىۋىزىيە دەپ ئاتايدۇ. (ئۇ دىۋىزىيەنىڭ تولۇق ئىسمى «شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە قۇرۇقلۇق ئەسكىرى ئاتاقلىق قوشۇن ۋاقىتلىق 6 - دىۋىزىيىسى»). بۇ دىۋىزىيىگە مەھمۇت مۇھىتىنى قوماندانلىققا تەيىنلىنىدۇ. دىۋىزىيە بىر برىگادا، 4 پولك (تۇەن)، بىر مۇھاپىزەتچى ئىسكادروندىن تەركىب تاپىدۇ. برىگادا كوماندىرلىقىغا قۇمۇللۇق سالى دورغا، مۇئاۋىن قىلىپ تۇرپانلىق توختىبەگ تەيىنلىنىدۇ. 1 - پولك تۇەن كوماندىرى تۇرپانلىق سەمەت ھاجى، 2 - پولك كوماندىرى تۇرپانلىق قۇرباننىياز گاجىدى (شاھىدى دەپمۇ ئاتىلاتتى) 3 - پولك كوماندىرى توقسۇنلۇق غوپۇر، 4 - پولك كوماندىرى تۇرپانلىق پولاتبەگلەر بولىدۇ. 36 - ماخوسەن قىسىمى مارالبېشىدىن چىكىنگەن كېيىن قوماندان مەھمۇت مۇھىتى گېنېرال لېيتنانت ئۇنۋانى بىلەن 6 - دىۋىزىيىنى باشلاپ، 1934 - يىلى 20 - ئىيۇل قەشقەر شەھىرىدىكى سابىق شىتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇلاردىن بىر تۇەن باش شتاب ئورۇنلاشقان جايدىكى يۇمىلاق شەھەرگە، بىر تۇەن شەھەر ئىچىدىكى سودا سايلارغا بىر تۇەن يېڭىسار قەلئەسىگە، بىر تۇەن يەركەن كونا شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. 1933 - يىلى تەشكىللەنگەن يەرلىك قوشۇنلاردىن «قەشقەر ئۈستىن ئاتۇش بىرىگادىسى» دەپ ئاتالغان زەيدىن كارۋاننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى، «ئاستىن ئاتۇش بىرىگادىسى» دەپ ئاتالغان كىچىك ئاخۇننىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ۋە كىچىك ئاخۇن قوشۇنىدىكى «پارتىزان ئەترەت قوماندانى» دەپ ئاتالغان رىشتە (بۇ نامنى تەسلىمچىلىكى ئۈچۈن مافۇيەن بەرگەن) نىڭ بىر پەي ئەسكىرى مەھمۇت مۇھىتىغا قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 6 - دىۋىزىيە ئەسكىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 4000 ئەتراپىدا بولىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى قەشقەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۈرۈمچىدىن گوڭ جىنخەن دېگەن كىشى باشچىلىقىدا باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر قەشقەرگە كېلىپ، يېڭىشەھەرگە، ليۇسڭچۇڭ باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر قەشقەرگە كېلىپ، يېڭىشەھەرگە، ليۇسىڭچۇڭ باشچىلىقىدا بىر تۇەن ئەسكەر يەركەنگە ئورۇنلىشىدۇ. بۇ ماجۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى قوشۇن ماخوسەنگە تاپشۇرۇلۇپ، ماخوسەن خوتەنگە ئورۇنلاشقان ۋاقىت ئىدى. شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6 - دىۋىزىيىنى تەرتىپكە سېلىش باھانىسى بىلەن، رۇس گېنېراللىرىدىن بىرىنچى قېتىم رابالكىن (ساقاللىق گېنېرال)، ئىككىنچى قېتىم ئوبخوپ، ئۈچىنچى قېتىم دوتكىن قاتارلىقلارنى قەشقەرگە ئەۋەتىپ، ئەسلىدىكى ھەربىي تەلىم كۆرمىگەن مىللىي قىسمغا بىرىنچى قەدەمدە ئىنتىزام تەربىيىسى، ئىككىنچى قەدەمدە زامانىۋى ھەربىي تەلىم - تەربىيە دەرسى ئۆتىدۇ. دوتكىن كېلىشى بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىش بولۇپ، باشقا ئىشلار ئېلىپ بېرىلغايدۇ. شۇ كۈنلەردە شېڭ شىسەي 6 - دىۋىزىيەدىن قۇرباننىياز سەئىدى (مەھمۇت مۇھىتنىڭ ئاچىسىنىڭ ئوغلى)، دىۋىزىيە قورال - ياراغ مەسئۇلى ئابدۇللا ئەپەندى (ئابدۇللا تۇەنجاڭ)، مۇئاۋىنى ئەخمەت تۇەنجاڭ، تۇەنجاڭ قۇرباننىياز شاھىدى ۋە شتاب باشلىقى سايىمئاخۇنلارنى ئوقۇشقا دەپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار 1934 - يىلىدىن 1935 - يىلغىچە تاشكەنتتە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىدىيە ئۆزگەرتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن 6 - دىۋىزىيە ئىچىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگەرتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن 6 - دىۋىزىيە ئىچىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن، شەرقىي شىمال پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ سابىق گېنېرالى لۇبىن گانىزون قوماندانى بولۇپ كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتى مۇئاۋىن سجاڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قوراللارنى يىغىۋىلىش ئۈچۈن «6 - دىۋىزىيىنىڭ قوراللىرى كونا، بۇ قورالنى تاپشۇرۇڭلار، بىز سىلەرگە يېڭى قورال بېرىمىز» دەيدۇ. مەھمۇت مۇھىتى «ئالدى بىلەن يېڭى قورالنى بېرىڭلار، ئاندىن كونا قورالنى بىرىمىز » دەپ قورال تاپشۇرغىلى ئۇنىمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەي توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجاڭ، مۇئاۋىنى ئابدۇشۇكۇر تۇەنجاڭ، مۇھاپىزەتچى ئەترەت باشلىقى ھۈسىيىن ئاخۇن، قۇمۇللۇق سالى لۈيجاڭ، پازىل لۈيجاڭ، شايارلىق ھەمدەم بەگ ھاجى، پولات تۇەنجاڭ مەسلىھەتچىلەر باشلىقى نىزامدىن ئەمەندى، قورال - ياراغ باشلىقى ئابدۇمۆمىن ھاجى، مەمەت خەلىپەت، ئەييۇپ بەگ قاتارلىق پىشقەدەملەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەملەرنى ئورۇنلاشۇردى شۇنىڭ بىلەن 6 - دىۋىزىيىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ بەزى يېقىن ئادەملىرىمۇ ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. سەمەت ھاجى شېڭ شىسەي ئالدىدا مەھمۇت مۇھىتىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قەسەم بېرىدۇ. توقسۇنلۇق غوپۇر تۇەنجاڭ، قەشقەرلىق مۇئاۋىن تۇەنجاڭ ئابدۇشۇكۇر ئاخۇنلار ئەھۋلنى مەھمۇت مۇھىتىغا ئېيتىپ قويىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى سەمەت ھاجىنى قولغا ئالىدۇ. يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ھەرىكەتلەر مەھمۇت مۇھىتىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇئاينىڭ 2 - كۈنى بىر قانچە يېقىن ئادەملىرىنى ئېلىپ، ھىندىستانغا چىقىپ كېتشكە مەجبۇر بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى