ئابلىكىم ھەسەن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ياش شائىر ئابلىكىم ھەسەن 1971 - يىل 10 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، غۇلجىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملاپ، 1989 - يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن، 1993 - يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ، <تارىم غۇنچىلىرى> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابلىكىم ھەسەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1983 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ياخشى جاي> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ ھازىرغىچە <جىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار>، <جاپاكەش ئانام>، <توپىلىق يول> قاتارلىق 300 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرىنى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان.
ئابلىكىم ھەسەننىڭ <ئەللەي تەبىئەت> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1993 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئابلىكىم ھەسەن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.