UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەھمۇد ھېكىم بەگ

مەھمۇد ھېكىم بەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى «مەھمۇد ھېكىم بەگ» (خەلق ئىچىدە «مامۇت ھېكىم بەگ») نامى بىلەن تونۇلغان ئەدىب مەھمۇدخان مىلادىيە 1814 - يىلى ئاتۇش مەشھەدتە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مىرئەھمەد شەيخ مەشھەدتىكى سۇلتان سوتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ شەيىخى ۋە ئەجدادلىرىدىن تارتىپ مۇشۇ يۇرتنىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىدىن، ئانىسى ھەمرابۈۋى ئاتۇشنىڭ تۆركۆل يېزا ئازنا مەسچىت مەھەللىسىدىن بولۇپ، مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. مەھمۇدخان كىچىكىدىن ئىلىم - مەرىپەتكە ئىنتلىپ، 30 يېشىغىچە بولغان ئارلىقتا بىر قەدەر يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇپ يېتىلگەن. زېھنى قۇۋۋىتى، ئىقتىدارى بىلەن تونۇلۇپ، سۇلتان سوتۇق بۇغراخان مازىرى يېنىدىكى مەدرىسكە مۇدەرىس قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ بۇ جەرياندا كۆپلىگەن تالىپلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن. 1857 - يىلنىڭ باشلىرىدا مەھمۇدخان ئاكىسى ئىسمائىل خوجام ۋە بىر قىسىم تۇغقان - يېقىنلىرى بىلەن پەرغانىگە چىقىپ كەتكەن. شۇ يىلى 8 - ئايدا ئۇ ئانىسى ھەمرا بۈۋىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۇرتىغا شېئىرىي مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ، «زۇلمەتلىك يىللار تارىخىنى بايان قىلىپ قىرىق كېچىدە يۈز نەچچە كۇپلېت شېئىر يازغانلىقىنى» (مەكتۇپنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تېپىلمىدى. باشقىلار تەرىپىدىن ئەسلەپ خاتىرىلەنگەن نۇسخلىرىدا بەزى پاكىتلار ئۆزگىرىپ كەتكەن.) ئېيتقان. 1864 - يىلدىكى قەشقەر خەلقىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلمىغا قارشى قوزغىلىڭىدا مەھمۇدخان قوزغىلاڭ رەھبىرى سىدىقبەگنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ۋە سىدىقبەگكە باش مەسىلىھەتچى بولغان. بۇزۇرۇكخان ۋە ياقۇپبەگلەر ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندە ئۇ پەيدىنپەي چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىغان، ئاخىرىدا ياقۇپبەگ بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ، يىگىتلىرى (شۇ مەزگىلدە خاس لەشكەرلەر شۇنداق ئاتالغان) بىلەن ئۇنىڭغا قارشى مەيدانغا ئۆتكەن. ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى مەھمۇدخاننىڭ ئامما ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى تۆھپىسىگە قاراپ، ئۇنى قەشقەرنىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلىگەن. كېيىن ئۇ باشقىلارنىڭ پىتنە - پاسات، تۆھمىتى بىلەن قارىلىنىپ، بىر قىسىم ھەمراھلىرى بىلەن قۇمۇلغا 20 يىللىق پالانغان. شائىر قۇمۇلدا يازغان بىر غەزىلىدە ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى كەچۈرمىشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: بۇ شېئىر «تارىم» (1989 - يىل 12 - سان، 128 - 129- بەتلەر) قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بەزى كۇپلېتلىرى ئالمىشىپ قالغان، بەزى سۆز - مىسرالار ئۆزگىرىپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئىزدىنىشلىرىم داۋامىدا، بىر قانچە كۆچۈرمە نۇسخا ئاساسىدا رەتلەپ چىققان نۇسخىنى تولۇق بېرىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. «ئاڭلىڭىز ئى ئەھلى ئالەم بىر ھېكايەتۇ ئەجىپ، بىلگىنىمچە شەمئى ئىزھار ئەيلەيىنۇ مەن غېرىپ. تابەئى چىندىن دىيارىم كاشىغەر شەھىرى ئىدى، مەن بېلىق ئېردىم ۋەتەن گوياكى بىر بەھرى (بەھرى - دېڭىز.) ئىدى. يەتتە ئەجدادىم مېنىڭ سۇلتان سوتۇقنىڭ ۋارىسى، تەبەئىدە نەچچە يۈزلۈك ئادىمىيۇ بارئىدى. ئەز قازا ئاپەتۇ پىترەن بىزگە سالدى قوزغىلاڭ، چەشمە بەت تەشيئەتىدىن (يامانلارغا ئەگىشىپ مەنىسىدە.) بولدى تاراجۇ تالان. ئۇشبۇ چىندا جۇيې - دارىن مەن غېرىبنى تاپتۇرۇپ، ئوغرىلارنىڭ ئارقىسىدىن ھەر تەرەپكە چاپتۇرۇپ. خىزمىتىم شايەستە بولغاندىن قىلىپ كۆپ ئىلتىپات، چازا تاپشۇردى بېرىپ جۇڭسا كۆزلۈك ئوتىغان. توققۇز ئاي مىقدارى بولدۇم كاشىغەرگە ھۆكۈمران، بولدى ئەلايۇ ۋىلايەت ھەم رەئىيەت شادىمان. دەۋلەتۇ - ئىززەتكە رەشىك ئەيلەپ بۇ چەرخى ۋاجىگۇن، بولدى خىزمەت ھەمدەئىززەت بارچەمەقسەت سەرنىگۇن (ئاستىن - ئۈستۈن.). سۆز تېپىپ ماھى مۇھەررەمدە كۇچارلىق ئىككى سەگ (ئىت.)، مۇددىئاسى مەن يىقىلسام بولسىلار ئورنۇمغا بەگ. نەچچە يالان سۆزىنى دارىنگە مەخپىي ئۇقتۇرۇپ، زاھىرى - باتىندە يوق ئىشلارنى بىزگە يۇقتۇرۇپ. دېدىلەر ئايا توبەرغان (قاتمۇقات، ئۈستى - ئۈستىگە.) ئىچرە بوھتانىلئەزىم، جۇيې نىڭ باشىنى ئايلاندۇردى شەيتانر رەجىم. دەپئەتەپ بىزگە غەزەپ ئەيلەپ قوشۇپ ئوتتۇز چېرىك، ئىتتىرىپ خامىغا تاشلاڭ كۆزىتىپ قاتتىق - يىرىك. ئۇشبۇ شەرنىڭ ئىسىمى مەشھۇر ئەھلى ئاغزىدا قۇمۇل، تابەئى يۇرت كەنتى - سەھراسى بولۇپ نەچچە سۇمۇل. شۈكرى لىللا بەردى غۇربەت ئىچرە ئوبدان دوستۇ - يار، باسسىمۇ باشىنى زېمىستان، كۆڭلىمىز ئەمما باھار.» شائىر قۇمۇلدىكى سۈرگۈن ھاياتىدىمۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئىككى پارچە توپلام تۈزگەن. ھالبۇكى، بۇ توپلاملار كېيىنكى مەزگىللەردە يوقىلىپ كەتكەن. يېقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىپ، بىر قىسىم ئەسەرلەر ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئۇ ئەسەرلەر ئىچىدە مەھمۇد ھېكىمبەگكە تەۋەرلىرى ئانچە كۆپ بولمىدى. (شائىرنىڭ ئىجادىي ئەمگىكىگە دائىر بايانلار ۋە ئىجادىدىن نەمۇنىلەر «تارىم» ژۇرنىلى 1987- يىل 10 - سانىنىڭ 133 -، 134 - ۋە 135 - بەتلىرىدە؛ 1989 - يىل 4- سانىنىڭ 123 - ۋە 124 - بەتلىرىدە، 12- سانىنىڭ 128-، 129- ۋە 130 - بەتلىرىدە بېرىلگەن.) شائىرنىڭ ھازىرغىچە تېپىلغان شېئرلىرىنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنى خىلمۇ خىل بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىلىرى كلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ژانىر، شەكىللىرى، بەزىلىرى خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە تۈزۈلگەن. مەزمۇن جەھەتتىن بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەر خىل ئىجتىمائىي تېمىلاردا بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتۇرنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى، ھىجران ئازابلىرى، مۇھەببەت - نەپرىتى ۋە خۇشاللىق - قايغۇرلىرى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ قوشاق شەكلىدە تۈزۈلگەن شېئىرلىرى ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى، يۇمۇرلۇقلۇقى بىلەن خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، ئەل ئەدەبىيات خەزىنىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. مەسىلەن، شىنجاڭ خەلق نەشر قىلغان «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» نىڭ 4 - توپلىمىدىكى «قارىغاي»، «ئامەت» ماۋزۇسى بىلەن بېرىلگەن قوشاقلار ئەنە شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. مەھمۇد ھېكىم بەگ تەخمىنەن 1896 - يىلى، سۈرگۈن مۇددىتى توشۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ كېسەل بولۇپ، قاتتىق ئاجىزلاپ كەتكەچكە، كېيىنكى ھاياتىدا كۆپ ئىش قىلالمىغان. 1902 - يىلى ئاتۇشتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەشتە ھادىسىگە ئۇچراپ (ئۆي بېسىۋېلىپ) 88 يېشىدا قازا تاپقان. ئۇنىڭ جەسىتى سۇلتان سوتۇق بۇغراخان مازىرى يېنىدىكى ئەسلىدە مەھمۇد ھېكىم مەگكە تەۋە بولغان چارباغقا (مەھمۇد ھېكىم بەگ بۇ باغنى قەشقەردە ھاكىم بەگ بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە سوتۇق بۇغراخان مازىرىغا ۋەخپە قىلىپ بەرگەن) دەپنە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەھمۇد ھېكىم بەگ | UyghurWiki | UyghurWiki