ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901 - يىل 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933 - يىل 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ مۇھىم ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتل قىلنىغان.
ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن، بەش ياش چېغىدىلا ساۋاتىنى چىقىرىپ، ئون ئىككى ياشقىچە بولغان ئارلىقتا دىنىي ئىلىم ئىگىلىگەن، شەرق ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشقان. كېيىن، تۇرپاندىكى خەنزۇچە مەكتەپ - شۆتاڭغا كىرىپ ئوقوغان.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1916 - يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى بىلەن روسىيىگە بېرىپ، شەمەي (ھازىرقى سىمپالاتنىسىدىكى) شەھىرىدە مەلۇم ۋاقىت تۇرىدۇ، 1923 - يىلى مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىككىنچى قېتىم بارغىنىدا، ئۈچ يىل تۇرۇپ بىلىم ئالىدۇ. بۇ جەريانىدا ئۇ رۇس تىل - يېزىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىگلەيدۇ، ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيىتىپ بارىدۇ. ئۇ دەسلەپ كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقويدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلىمىزنىڭ خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىلەنمۇ تونۇشىدۇ. كېيىنچە ماكسىم گوركى، سەدرىدىن ئەينى، ئابدۇللا قادىرى، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق يازغۇچى - شائىرلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئوقويدۇ. نەتىجىدە، ئۆزىگە دېموكراتىك ئىدىيىنى سىڭدۈرۈپ، ئەدەبىياتنى قورال قىلغان ھالدا ۋەتەننى، خەلقنى قوتقۇزۇش يولىغا قەدەم قويىدۇ.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىي پائالىيەتلىرىدە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جۇڭگۇدا ئېلىپ بېرىلغان «4 - ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ روھىنى ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە ئۆكتەبر ئىنقلابىنىڭ تەسىرىنى مىللىي شەكىلدە ئىپادىلەپ، ئۆز خەلقىنى ئويغىتىشقا تىرىشتى. ئۇ ئالدى بىلەن كونا چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاممىباب ھازىرقى زامان ئەدەبىي تىلىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئەسەرلىرىدە يېڭى تىلنىڭ گۈزەل ئۆزنەكلىرىنى يارىتىپ، خەلقنى يېڭى مەدەنىيەتكە باشلانغاشنىڭ يولىنى ئاچتى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر - 20 - يىللاردا شىنجاڭدا باش كۆتۈرگەن يېڭى مەرىپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. شائىر خەلقنى مەھكۇملۇقتىن خالاس قىلىپ، ھۆرلۈككە ئېرىشتۇرۇشنىڭ ئىككى مۇھىم نۇقتىسىنى تونۇپ يېتىپ، بۇئىككى نۇقتىنى ئۆز ئىجادىيىتنىڭ جان تومۇرى قىلدى. ئۇنىڭ بىرى، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىلىم - مەرىپەت، پەن - مەدەنىيەتكە ئىگە قىلىش بولسا؛ يەنە بىرى، قولغا قورال ئېلىپ، زالىملارنى يوقتىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ خىل ئىدىيە شائىرنىڭ ھەر بىر شېئىرىدا ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئارقىلىق بۇ خىل ئىدىيىنى خەلققە سىڭدۈرۈشتە، ئالدى بىلەن خەلققە ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ماھىيتىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەرگە قالغانلىقىنى تونۇتۇش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى. شائىر مۇشۇ نۇقتىدا، بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ خەلققە كەلتۈرۈۋاتقان بالايىئاپەتلىرىنى، فىئودال ھاكىمىيەتنىڭ چىرىكلىكىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، خەلقنىڭ دىنىي خۇراپاتلىققا چوڭقۇر چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ زۇلمەتلىك كۈنلەرگە قېلىشنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبىنى ئەينى تارىخىي شارائىتتىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمگە باغلىدى ۋە بۇنداق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى، كۈرەش قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن خەلق كونا ئاڭدىن قول ئۈزۈپ، ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىش لازىملىقىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلدى ۋە يېڭى مەرىپەت تارقىتىشتا ئۆزى باشلامچى بولدى. ئۇ، ئائىلىسىدە يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇپلا قالماستىن بەلكى ھەيدەر ئەپەندى، ئەلى ئىبرلاھموۋقا ئوخشاش ئاتاقلىق قۇئەللىملەرنى تۇرپانغا تەكلىپ قىلىپ، تۇرپاندا يېڭى مەكتەپ ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 30 - يىللاردا ئۇيغۇر پوئىزىيىسىنى تىل، ئۇسلۇب، مەزمۇن ۋە ژانىر جەھەتتىن يېڭى يۈزلىنىشكە ئىگە قىلدىغان ئاجايىپ نادىر شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شائىرنىڭ ھازىرچە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلگەن 60 پارچىدىن ئوشۇق شېئىرلىرى ئىچىدە «ئىستىمەس» «باردۇر»، «ئويغان»، «غەزەپ ۋە زار»، «ئۈزۈلمەس ئۈمىد»، «يېقىن بولدى»، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»، «كۆڭۈل خاھىشى» قاتارلىق شېئىرلىرى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ شېئىرلار بەئەينى 30 - يىللاردىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتى ۋە ئەينى دەۋرىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنى مۇئەييەن دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىدىغان ئابىدىگە ئوخشايدۇ.
شائىرنىڭ بىر پۈتۈن ئىجادىيىتىگە نەزەر سالغاندا، ئۇ تەنقىدىي رېئالىزم ئۇسۇلى بىلەن ئەينى زامان رېئاللىقىنىڭ ئىللەتلىرىنى، خەلقنىڭ ئېڭىدىكى قالاقلىقنى، فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ چېرىكلىكىنى، قالاق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ، دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ مەنىۋى كىشەن ئىكەنلىكىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلىغان. شۇنداقلا گۈزەل غايە، كەلگۈسى ھايات ، ھۆرلۈك ھەققىدىكى تەسەۋۇرلىرىنىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
شائىر ئۆز ئىجادىيىتىدە كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئارۇز ۋەزنىنى، خەلق قوشاقلىرى شەكلىنى، رۇبائىچىلىقنى ئۆزلەشتۈرۈگەندىن تاشقىرى، خەلقنىڭ چۆچەك، رىۋايەتلىرىدىكى ھۇما قۇشى، يالماۋۇز،پەرى، خىزىر . . . قاتارلىق ئوبرازلاردىن ، بەدىئىي ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ھەمدە يېڭى ئىجتىمائىي مەزمۇننى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلدۇرغان، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھاكىملىق بىلەن مەھكۇملۇق، قالاقلىق بىلەن ئىلغارلىق، قاششاقلىق بىلەن تەرەققىيپەرۋەرلىك، تەقدىرچىلىك بىلەن ئىجادچانلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا شەرھلەپ، دەۋرنىڭ تەلىپى ۋە خەلقنىڭ ئىلغارلىققا ئىنتىلىش روھىنى توغرا نامايان قىلغان.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بىرەر نامايەندىنىڭ تارىخىي تۆھىپىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي تەسىرى، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئوينىغان رولى ھەمدە يېڭى غايە - ئىدېئولوگىينىڭ پەيدا بولۇشىغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تۈرتكىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرگەن پىكىرلىرى ئارقىلىق شۇ دەۋر ئەدەبىياتىمىزغا دېموكراتىك ئىدىيىنى، ئىنقلابىي ئاڭنى دادىللىق بىلەن ئېلىپ كىرەلىگەن، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى بىر قەدەر توغرا كۆرستىپ بېرەلىگەن.
خەلقتىن ئوزۇق ئېلىپ، خەلققە ئوزۇق بەرگەن ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان زور رولى، شۇنىڭدەك ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى ئورىگىناللىقى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
(«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988 - يىل 1 - سانىدىكى ئىسمائىل تۆمۈر تەييارلىغان شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسلىنىپ يېزىلدى)