UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىشاھ قۇلى ئۇيغۇر

شاھ قۇلى ئۇيغۇر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 15 - ئەسىردە نەۋائى بىلەن زامانداش ئۆتكەن شائىرلارنىڭ بىرى بولغان شاھ قۇلى ئۇيغۇر ھەققىدىكى مەلۇماتنى بىز پەقەت نەۋائىنىڭ «مەجالسۇن نەفائىس» ئەسىرىدىن ئالىمىز. نەۋائى «ماجالسۇن نەفائىس» تا شاھ قۇلى ئۇيغۇرنى: «كىچىكىدىن باشلاپ زېھنى ئىلىم تەھسىل قىلىشتا ۋە باشقا نۇرغۇن ھۈنەر - سەنئەتلەردە ئۆتكۈر ئىدى. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئامراقلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىپ، ناھايىتى كۆپ قابىلىيىتى زايا بولدى. ئۇ قەبىلىنىڭ مىرزىسى، ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئىشلارنى شۇ قىلىدۇ. مۇئەممادا زېھنى ئۆتكۈر» دەپ تەرىپلەپ ئۆتىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ «مەھۋى» نامىغا يېزىلغان تۆۋەندىكى مۇئەمماسىنى مىسال قىلىپ ئالىدۇ: «ئەز مېھنەتىما بىھ پىشى ۋەي ھەرفى دۇ، گەر مەسلىھەت ئەست بەگۈ مەگەرنىست مەگۇ.» (بىزنىڭ مېھنىتىمىزنىڭ ئالدىدا ئىككى ھەرپ بار، ئۇنى ئەگەر مۇۋاپىق بولسا ئېيتقىن، مۇۋاپىق بولمىسا ئېيتما.) ئەينى دەۋردە شېئىرىيەتنىڭ مۇئەمما (تېپىشماق) ژانىرىدا زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن تونۇلغان، نەۋائى تەرىپىدىن چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىدا تەرىپلەپ ئۆتۈلگەن شاھ قۇلى ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىي مىراسلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى