يىجاڭ روزى ھاجىم
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
روزى ھاجىمنىڭ ئەسلى ئاتا يۇرتى قەشقەر توققۇزاق بولۇپ، دادىسى نەۋرىباينىڭ جەمئىيەتكە ئارىلاشقان يىللىرى دەل ئېغىر زۇلۇم - كۈلپەتكە ئۇچراپ كەلگەن جەنۇبىي شىنجاڭ خەلق، تەيپىڭ - تىيەنگو ئىنقىلابىي ۋە شەنشى گەنسۇدا پارتىلىغان خۇيزۇ خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تۈرتكىسىدە كەينى - كەينىدىن قوزغىلىپ چىڭ سۇلالىسى ئىستىبىداتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قولچوماقلىرى بولغان يەرلىك ئەكسىيەتچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان مەزگىللەر ئىدى. نەۋرىباي 1854 - يىلدىكى قەشقەر خان ئېرىق دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭى ۋە 1856 يىلى مەمتىلى رەھبەرلىك قىلغان ئاتۇش مىس كاندىكى يانچىلارنىڭ قوزغىلىڭىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ ئىككى قېتىملىق قوزغىلاڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك فېئودال كۈچلەرنىڭ بىرلىشىپ باستۇرۇشى بىلەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان دېھقانلار پاجىئەلىك باستۇرۇلغان. بۇ ھال ئادالەتپەرۋەر نەۋرىبايغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقتىن ئۇ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېزىپ، تەخمىنەن 1860 - يىللىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، كىچىك كەسپىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ جاھاندارچىلىق قىلغان. ئۇ كۆڭۈل قۇيۇپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن سودا تەرەققىياتى ياخشى بولۇپ ھاللىنىدۇ. ئۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۈرۈمچى كونا ئايرودروم ئەتراپىدا ئەسىرلەپ قاغىجىراپ ياتقان بوز يەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ دېھقانچىلىق قىلىدۇ. دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بارا - بارا تىجارەت، چارۋا ۋە ئاساسەن دېھقانچىلىق كىرىمى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق زەردار كىشىلەردىن بولۇپ قالىدۇ.
ئۇ يىللاردا ئۈرۈمچىدە 30 - 40 مىڭدەك ئاھالە بولۇپ، شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇقلاشقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مانجۇ - خەنزۇ ئەمەلدارلار، مانجۇ، خەنزۇ زەردارلار، باي سودىگەرلەر ۋە بىر قىسىم مانجۇ، خەنزۇ قول ھۈنەرۋەن، سەيچى دېھقانلار ئىدى. ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ % 60 تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالە شەھەر سىرتىغا يەنى ھازىرقى نەنمىن سىرتىدىن دۆڭ كۆۋرۈككىچە، سايۋاغ، چوڭ كۆۋرۈك ئەتراپىغا جايلاشقان ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇششاق تىجارەت، ھۈنەر كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر، يەنە بىر قىسىمى، ئەمگەك كۈچىنى سېتىپ كۈن كەچۈرىدىغان كەمبەغەللەر ئىدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇششاق تىجارەت، ھۈنەر كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىلەر، يەنە بىر قىسمى، ئەمگەك كۈچىنى سېتىپ كۈن كەچۈرىدىغان كەمبەغەللەر ئىدى. ئۇلار باي - پومېشىكلارغا كۈنلۈكچى بولۇپ ئىشلەيتتى ياكى خاڭلاردا ئىشلەيتتى. ئۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈم - فېئودال ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمى بولۇپ ، ھەر مىللەت خەلقى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زۇلىمىغا ۋە ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىشىغا ئۇچاشتىن تاشقىرى يەنە ئۆز مىللىتى ئىچىدىن چىققان فېئودال ئاقساقاللارنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇناتتى. نەۋرى باي بولسا مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان ئېزىلگۈچى خەلق تەرىپىدە تۇرغان ئاقساقاللاردىن بىرى ئىدى.
نەۋىباي ۋەتەنپەرۋەر، ئادالەتپەرۋەر، ئەقىل - ئىدرەكلىك ، ئۆتكۈر سۆزلۈك كىشى بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىچىدە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى روزى ھاجىم 1870 - يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇن ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە كونا مەكتەپتە ئوقۇغان ھەم بالاغەتكە يەتكىچە بولغان ئارىلىقتا دادىسىغا ئەگىشىپ تىجارەت يوللىرىنى ئۆگەنگەن.
روزى ھاجىم كىچىكىدىنلا زېرەك، سېزىمچان، ئۇچراتقان ھادىسە - ۋەقەلەرنىڭ سىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان، بىلمىگەننى سوراپ بىلىشتىن تارتىنمايدىغان كىشى ئىدى. ئۇ، ئەينى زامانلاردا دادىسى قاتناشقان ھەرقانداق ئىجتىمائىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا بىللە بولغان، جۈملىدىن ئۇ سورۇنلاردا بولىدىغان تارىخ، ئەدەبىيات، دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش پاراڭلىرى، ھېكايە، چۆچەك قاتارلىقلارنى، بولۇپمۇ ۋەزىيەت ھەققىدىكى پاراڭلارنى قىزىقىپ ئاڭلايىتتى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، مەيلى قانداق سورۇن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پېشقەدەملەر ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭلاردىكى بەزى ئېنىقسىز قويۇپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇراتتى.
روزى ھاجىم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكى ئۈچۈن، دائىم مانجۇ ئاقسۆڭەك تۆرىلەر ھە قېتىم يامۇلدىن ياكى شەھەر دەۋازىسىدىن چىقىپ كىرگىنىدە پو ئېتىلىدىغنالىقى، بۇ چاغدا ھەر مىللەت خەلقى بارلىق ئىشىنى توختىتىپ، يەرنىڭ شېغىلىق ياكى قارا پاتقاق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تىزىلىنىپ بېشىنى يەرگە قويۇ ھۆرمەت بىلدۈردىغالىقىنى كۆرەتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ناھايىتى غەلىتە تۇيۇلاتتى. بىر كۈنى ئۇ، چوڭلارنىڭ بىرىدىن بۇ ئىشنىڭ سىرىنى سورايدۇ. ھېلىقى كىشى چۈشەندۈرۈپ: «مانجۇلار پۈتۈن جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئىنتايىن نامۇۋاپىق تۈزۈم بار، ئۇ بولسىمۇ، ھەرقانداق بىر مانجۇ ئايالى ئوغۇل تۇغسا، تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇنىڭغا مائاش ۋە ئاشلىق بېرىلىدۇ. قىز تۇغسا مائاش بېرىلمەي ھەقسىز ئاشلىق بېرىلىدۇ، ئادەتتىكى مانجۇ پۇقرالارمۇ ھېچقانداق ئالۋان - ياساق تۆلىمەيدۇ. باشقا مىللەتلەر مانجۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلسا قانۇنىي جازاغا تارتىلىدۇ. نەرسە - كېرەكلىرى تۆلىنىدۇ. مانجۇلار باشقا مىللەتلەرنىڭ مال - مۈلىكىگە زىيان يەتكۈزسە تۆلىمەيدۇ. بۇ مانجۇ ھۆكۈمىتىنىڭ مانجۇلارغا بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيازى...» دېگەنلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
روزى ھاجىم مەكتەپ يىللىرىدا ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغان «زەپەرنامە» (1860 - يىلى شائىر ۋە تارىخچى مۇغەننى تەخەلۇسىدا يازغان ئەسەر)، 1898 - يىلى ئاتۇشلۇق مۇھەممەت ئەخمەت (مەخمۇت ھېكىم بەگ)، شەيخ ئارۇپ يازغان «تارىخى ياقۇپبەگ» قاتارلىق ئەسەرلەردە ئوقۇغانلىرىنى، ئاڭلىغانلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەكىسيەتچىلىك ۋە ئىلغارلىق، يۇرۇقلۇق ۋە زۇلمەتلىك، ئادالەتلىك ۋە قەبىيلىكنىڭ چەك - چېگرىسىنى ئايرىپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، چىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە قەشقەر خەلقىنىڭ مەنچىڭ ئىستىبىداتلىرى ۋە يەرلىك زالىملارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئەجداتلارنىڭ كۈرەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا بەل باغلايدۇ. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ قاتارغا قوشۇلىدۇ. روزى ھاجى ئادىل پىكىرلىك، راستچىل كىشى بولغانلىقتىن، روزى ھاجى ئادىل پىكىرلىك، راستچىل كىشى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ھەر تەرەپلىمە قابىلىيىگە قاراپ ھەر مىللەت تىجارەتچىلىرى ئۇنى ئۆزلىرىگە شاڭزۇڭ (ئاقساقال) قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئۇ شاڭزۇڭ بولغان مەزگىلدە تىجارەتچىلەر ئىچىدىكى ئىلىم - سېتىم ۋە باشقا تالاش - تارتىش ئىشلىرىنى توغرا مەيداندا تۇرۇپ، ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇ، مەيلى قانداقلا ئىش قىلمىسۇن مىللەت ئايرىماي ئوخشاش مۇئامىلىدە بولغاچقا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. روزى ھاجىم جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، كېسەل، مېيىپ، ئىگە - چاقىسىز قېرى - يېتىملارغا ئاتىدارچىلىق قىلدى. ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرمۇشتۇرۇپ تۇرمۇشىنى تەمىن ئەتتى، ئۆلگەنلەرنى ئۆز ئىقتىسادىي بىلەن يەرلىكىدە قويدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئازغىنە ئىقتىسادىي بىلەن ئۇنچىلا كۆپ يېتىم - يېسىر، نامراتلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بىر ياخشى تەدبىر ئويلاپ چىقىپ، مەسچىتكە ساخاۋەت ساندۇقى ئورنىتىپ قويدى. خالىس سەدىقە قىلغۇچىلار پۇلنى ساخاۋەت ساندۇقىغا سالدى. بۇ ئۇسۇل بىلەن يىغىلغان پۇل قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغانلارغا ئىشلىتىلىپ كۆپلىگەن يوقسۇللارنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىندى. روزى ھاجىمنىڭ بۇ تەكلىپ - تەدبىرى ئۈرۈمچىدىكى كەڭ كەمبەغەللەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. كېيىنچە بۇ دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى تەرەققىپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ بىر دارىلئاجىزىن قۇرۇلدى. بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلق باشقۇرغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى يېتىم - يېسىر، مېيىپ، يوقسۇللار ئۈچۈن كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى.
1905 - يىلدىن باشلاپ، ئەزگۈچىلەر بىلەن ئېزىلگۈچىلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت تەدرىجى كەسكىنلەشتى، شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي كونا دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ بوران - چاپقۇنىنى توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلق ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئېكىسپىلاتاتىسىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، تۈرلۈك باج - سېلىقلارنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشتىن تاشقىرى، يېڭىدىن ھەرخىل ئالۋان - ياساقلارنى كۆپەيتتى. زاۋادللىققا يۈزتۇتقان چىڭ خاندانلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەڭ رەزىل ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ ھەر مىللەت يوقسۇل ئەمگەكچى خەلقىنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى چىرىكلەشكەن ھۆكۈمەتكە بولغان غەزەپ - نەپرىتى، نارازىلىقى تېخىمۇ ئۇلغايدى. 1907 - يىلى 5 - ئايدا، قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقى رەجەپ ئاكىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ليەنكۈي بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇردى. لېكىن، خەلقنىڭ ئىستىبدات ھاكىميىتىگە بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى بېسىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەلكى بۇ كۈرەش تەدرىجى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيدى. ليەنكۈي ھەممىلا يەردە ئەۋج ئېلىۋاتقان زۇلۇمغا قارشى كۈرەش يالقۇنىنى ئۆچۈرۈش غەرىزىدە 1909 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەسكەر چىقىرىپ ئۈرۈمچىدىكى يۈزلىگەن بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈردى. 1910 - يىلى 8 - ئايدا، يەنە زور تۈركۈمدە ئەسكەر چىقىرىپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر تۈەندىكى مۇھاپىزەتچى قىسىملارنىڭ ئىسيانىنى قوراللىق باستۇردى. 1910 - يىلى 11 - ئايدا، ليەنكۈي زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن دولقۇننىڭ زەربىسىدە تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. سەييارە سىلاۋچىلىققا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن يۈەن داخۇا قەبىھلىكتە ئۇچىغان چىققان ئەبلەخ بولۇپ، خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا ليەنكۈيگە قارىغاندا تېخىمۇ زەھەرلىك ۋاستىلەرنى قوللاندى.
يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى روزى ھاجىمنى تېخىمۇ ئويغىتىدۇ، ئۇنىڭ كاللىسىدا، پەقەت ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغىلى بولىدىكەن، دېگەن تۇنۇش پەيدا بولىدۇ. روزى ھاجىم زور كۈچ سەرپ قىلىپ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن «گېلاۋخۇي» چىلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، ئۇلارغا ئۆزى بىلەن بىر يولدا ھاكىممۇتلەقلىق، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇلار روزى ھاجىمغا: «بىز گەرچە تەشكىلات بولساقمۇ، لېكىن بىز، بىز بىلەن ئورتاق نىشانغا ئىگە بارلىق ئادەملەر بىلەن بىرلىشىمىز، سىلەرنىڭ، بىزنىڭ ئىنقىلاۋبىي كۈرىشىمىزنى قوللىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز» ديدۇ ھەم پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا مىسلىسىز بىر چوڭ ئىنقىلابىي بوراننىڭ كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن روزى ھاجىم جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ سىياسىي قىياپىتىنى ئوچۇق - ئاشكارىلاپ، تۈرلۈك ئامىۋى سورۇنلار ھەتتا نەچچە ئادەم سۆھبەتلەشكەن سورۇنلاردىمۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىكلەشكەن ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشنى كۈتۈۋېلىش ئىدىيىسىنى ئاشكارىلايدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي روزى ھاجىم ئارزۇ قىلغان كۈنلەرمۇ يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ، ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزالىرىدىن ليۇشەنجۈن قاتارلىق كىشىلەر بىلەن نەنسەن، ئۈرۈمچىدىكى 35 تۈتۈن (كونا ئايرودروم)، شىمىگو قاتارلىق جايلاردا ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئىنقىلابىي قوزغىلاڭنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش مەسلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئاخىرى ھېسابتا روزى ھاجىم سانجى، ماناس، ئۈرۈمچى، نەنسەن ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇ، ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن ئىقتىسادقا جىددىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەستىن، نەچچە يۈز يۈەن كۈمۈش پۇل ياردەم بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئۈرۈمچىدىكى ھاللىق سودىگەرلەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىپەرۋەر زاتلاردىن مۇھەممەت قارى، ھاجى نەمەت ئاخۇن، ئابلا ئاخۇن تۆگە، ئابلا ئاخۇن ئىشان، خوتەنلىك مەخسۇت ئاخۇن، مەنسۇر باي، تۇرسۇن بابا، ھۆسەيىن باي، سەپەر ئاخۇن، خوتەنلىك ساقى ئاخۇن باي ۋە ئۆزىنىڭ ئاكىسى پالتاخۇن، تۇردى ئاخۇن (كېيىنكى ۋاقىتتا شاڭزۇڭ بولغان) قاتارلىقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كۆپلىگەن ئىئانە پۇل، ئاشلىق، يەم - خەشەك، مال - چارۋا قاتارلىقلارنى توپلاپ، ئىنقىلابنى پائال قوللاپ، قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق ماددىي بۇيۇم ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
روزى ھاجىم ليۇنجۈن ئارقىلىق ئىلى ئىنقىلابىي پارتىيىدىنىڭ رەھبىرى ياڭ زەنشۈي بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، ئىلىدىكى يەرلىك نوپۇزلۇق زاتلاردىن ھېكىمبەگ، ھۆسەنباي ھاجى، ياقۇپبەك قاتارلىقلارنىڭ ئىنقىلابقا ھېسداشلىق قىلىشى ۋە ماددىي، مەنىۋى ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە ھېكىمبەگ ئىلى سەكسەنيۈزىدىكى دېھقانلارنى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى ئاشلىق تۈلۈگىنى ياردەم بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ھۆسەنباي، ياقۇپبايلار ئىنقىلابىي ئارمىيىنى قىشلىق كىيىم - كېچەك، ئىگەر ۋە باشقا ئۇرۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ليۇشەنجۈن باشچىلىقىدىكى «گېلاۋخۇي» ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەر ئۈرۈمچىدىكى «گۇەن يىنگې» قەدىمىي بۇتخانىسىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئەكسىيەتچىلەر تەرەپ - تەرەپكە پايلاقچىلارنى قويۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن قېيىن ئىدى. روزى ھاجى نەنگۇەن ئەتراپىدىكى ناۋايلارنىڭ بارلىق نېنىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا نانلىرىنى بىر - بىرلەپ قەدىمىي بۇتخانىغا ئاپىرىپ بېرىشىنى تاپشۇرىدۇ. ناۋايلار ئەتەي «نان ساتىمەن» دەپ توۋلاپ بۇتخانىدىن ئادەم چىقىشنى كۈتۈپ تۇرۇپ، دەرۋازى ئېچىلىپ ئادەم چىققان ھامان ھەممە نېنىنى ئۇلارغا بېرىدۇ. 1911 - يىلى 28 - دېكابىر، ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن، ھەربىي ھەرىكەتكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ليۇشەنجۈن بىلەن روزى ھاجى مەسلىھەتلىشىپ قوزغىلاڭنىڭ قوماندانلىق شىتابىنى نەنگۈەن فۇشۇخاڭدىكى خۇيزۇ ليۇ ھاجى (ليۇجىنسەي) نىڭ تۈگمىنىدە قۇرىدۇ. بۇ قاينام - تاشقىنلىق قوراللىق قوزغىلاڭ گەرچە يۈەن داخۇانىڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ، مۆلچەرلەنگەن غەلبىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن روزى ھاجىمنىڭ ھەر مىللەت خەلقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قوزغىلاڭغا ياردەم بەرگەن تەسىرلىك ئىش - ئىزلىرى ئۈرۈمچى تارىخىدا مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ.
ئۈرۈچىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىلىدىكى پىدائىلار قوشۇنى 1912 - يىلى 1 - ئايدا ياڭ زەنشۈينىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچى بىلەن قوللىشى ۋە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىدە ئىلى جاڭجۇن مەھكىمىسىنى ئىشغال قىلىپ، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. ئىلى ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەر جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، روزى ھاجىم ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ. شۇ كۈنىلا جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ھەر مىللەت خەلقى قاتناشقان بىرلىكسەپ تەشكىللەپ، ئىنقىلابنىڭ ئوتىنى پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە شىنجاڭدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى تەرەققىپەرۋەر زاتلاردىن (يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان زاتلار) يىققان ئىئانە بۇيۇملارنى ئابلا ئاخۇن، ناسىر ھەسەن (ناسىربەگ) قاتالىق كىشىلەردىن ئىلى ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىدۇ. لېكىن بەختكە قارشى ياردەمگە ئەۋەتىلگەن بۇ ماددىي بۇيۇملار شىخو ناھىيىسىگە يېتىپ بارغىچە يۈەن داخۇا قوشۇنى تەرىپىدىن توساپ قېلىنىدۇ.
قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت يۇقىرىدا چىڭ خاندانلىقىنىڭ قوللىشىغا يۆلەنسە، تۆۋەندە يۈەن داخۇانىڭ قوراللىشىغا يۆلەنسە، تۆۋەندە يۈەن داخۇانىڭ قوراللىق ھىمايە قىلىشىغا تايىنىپ، قۇمۇل خەلقى ئۈستىدىن شەپقەتسىز زۇلۇم يۈرگۈزگەن ئىدى. ئۈرۈمچى ۋە ئىلىدا يۈز بەرگەن شىنخەي قوراللىق ئىنقىلابىي ۋەقەسى شىنجاڭدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئىنقىلابىي خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئاشۇردى. شىنجاڭنىڭ ئاخىرقى سەييارە سىلاۋچىسى يۈەن داخۇا مىنگو قۇرۇلغان بىرىنچى يىلى يەنى 1912- يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ئىچكىرىسىگە كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا قۇمۇل ۋاڭ شامەخسۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى قۇمۇلنىڭ قوراي جىلغىسىغا باج ئېلىش ئۈچۈن چىققاندا چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمغا چىدىغۇچىلىكى قالمىغان يەرلىك دېھقانلارنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغايدۇ. تۆمۈر خەلپە 300 دىن ئارتۇق دۋېھقانلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ زالىملارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بۇ چاغدا قېچىپ قۇمۇلغا بېرىۋالغان يۈەن داخۇا يەرلىك ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش خام خىيالىدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسيانچىلار تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋېتىلىدۇ.
روزى ھاجىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال ئىنىسى ئەمەتخان يىڭجاڭ (ئەمتخان دارىن دەپمۇ ئاتالغان) نى بىر قانچە كىشىگە قوشۇپ قۇمۇلغا ئەۋەتىپ، تۆمۈر خەلپىنى قوللايدۇ ھەمدە تۆمۈر خەلپە بىلەن قۇمۇلدىكى ئىنقىلابىي پارتىيە كىشىلىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ، يۈەن داخۇانىڭ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش سۈيقەستىنى ئۈزۈل - كېسىل تارماق قىلىدۇ.
يۈەن داخۇا ۋازىپىسىدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ياڭ زېڭشىننى ئۆلكىلىك دودۇلىقىغا كۆرسەتكەن ئىدى . ياڭ زېڭشىننى قۇمۇلدىكى تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىغا نىسبەتەن تېخىمۇ زەھەرلىك ئۇسۇللارنى ئىشقا سالىدۇ. ھېلە - مىكىر ئىشلىتىپ سۈلھى قىلغاندىن كېيىن، تۆمۈر خەلىپە ۋە قوزغىلاڭنىڭ يەنە بىر رەھبىرى تۇرپان ئاستانىلىق مۆيدۈن ئاخۇننى ئۈرۈمچىگە ئالداپ ئېلىپ چىقىدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپىگە يىڭچاڭلىق ۋەزىپىسى بېرىدۇ. تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن، روزى ھاجىم ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىڭىتىش، ھۇشيار بولۇش، ھەرقانداق ئىشتا ئومۇمىيىلىقنى نەزەردە تۇتۇشنى تاپشۇرىدۇ. لېكىن ھېلىگەر سۈيقەستچى ياڭ زېڭشىن بىر تەرەپتىن روزى ھاجىمنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن يىجاڭى دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنى قۇمۇلدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىۋېتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، 1913 - يىلى 9 - ئايدا، خۇيزۇ باتاليوننىڭ باشىلىقى مافۇشىڭغا (ماتىتەي) بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئىنقىلابىي زات مۆيدىن ئاخۇنغىمۇ قارا چاپلاپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىدۇ.
روزى ھاجىم تۆمۈر خەلپىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قۇمۇلدىن دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ياڭ زېڭشىننىڭ قوزغىلاڭنىڭ داھىيسىغا زىيانكەشلىك قىلغان جىنايىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، ياڭ زېڭشىڭ ئاللاقانداق يالغان سۆزلەر بىلەن: «بۇ ئىشتىن مېنىڭ قىلچە خەۋىرىم يوق، ۋەقەدىن كېيىن بىلىشىمچە، تۆمۈر ئەسكىرىي قىسمىنى باشلاپ ئىسيان كۆتۈرۈشكە تەمشەلگەندە سېزىلىپ قېلىپ مافۇشىڭ تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ» دەپ مەسئۇليەتنى مافۇشىڭغا ئىتتىرىپ قويۇپ، روزى ھاجىمدىن ئەپۇ سورايدۇ.
روزى ھاجىم مۇئاۋىن يىجاڭ بولغاندىن كېيىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاكتىپ كۈچەيتىپ، خەلققە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ خەنزۇ سودىگەرلەر ئاقساقىلى (شاڭزۇڭ) ياڭ شاۋجۇ بىلەن بىرلىكتە نەنمىننىڭ سىرتىغا ئۇيغۇر، خەنزۇ تىجارەتچىلىرى بىرلىكتە تىجارەت قىلىدىغان ئۈستى يېپىق چوڭ بازار ياساشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۈستى يېپىق بازار پۈتكەندىن كېيىن «شەھەر ئىچى» ۋە «شەھەر سىرتى» دىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي ئازارلىق ھەل قىلىنىدۇ.
روزى ھاجىم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراپ، روزى ھاجىمنىڭ قوراسىنىڭ دەرۋازىسىغا «خەلق ۋەكىلى» دېگەن ۋىۋىسىكىنى ئېسىپ قويىدۇ ھەمدە ئۆلىكلىك ھۆكىمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
روزى ھاجىم قاتارلىق كىشىلەر چەت ئەل چىركاۋلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تەشۋىق ئېلىپ بېرىپ، يات دىنلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توستى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئەۋەتىپ قايمۇققان پۇقرالارنىڭ چەت ئەل چېركاۋلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلدى، ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلارغا خەت يېزىپ، ئۇلارنى جاھانگىرلارنىڭ شىنجاڭغا دىن تارقىتىش يولى بىلەن سىڭىپ كىرىشنى توسۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. قەشقەر خەلقى روزى ھاجىمنىڭ بۇ ھەقانىي تەشەببۇسىنى قوللاپ، چەت ئەل چېركاۋلىرىنىڭ قەشقەر تەۋەسىدە دىن تارقىتىش، چېركاۋ سېلىش ھەرىكەتلىرىنى توستى.
ياڭ زېڭشىن دەۋرىدىكى باج ئىنتايىن ئېغىر، تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. جايلارنىڭ بېجى يەرلىك ھاكىم ئەمەلدارلار ياكى فېئودال باي - پومېشچىكلارغا كۆتۈرە بېرىلگەن بولۇپ، باج يىققۇچى زالىملارنىڭ خەلقنىڭ قان - تەرىنى شورىشىغا تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىلغان ئىدى. مەسىلەن: قەشقەرنىڭ باج سېلىقى ئىبراھىم لوزۇڭغا كۆتۈرىگەن بېرىلگەن بولۇپ، ئىبراھىم لوزۇڭ بىر قانچە % 10 قوشۇپ تۆۋەنگە چۈشۈرسە، بەگ، مىڭ بېشى ھەتتا ئون بېشىغا كەلگىچە بۇ باج قاتلاممۇ - قاتلام نەچچە ھەسسە ئېشىپ يىغىۋېلىناتتى، ئەينى زاماندىكى ئېغىر باج، سېلىقلار ھەققىدە تۆۋەندىكىچە قوشاقلار يېزىلغان:
ئەگەر ئامبار ئالغاق بولسا يۈز،
چىقىپ تۇڭچى بىر يۈزنى ھەر يۈز.
بېگىم ئاڭلاپ ھەر يۈزنى قىلىپ مىڭ،
قىلىپ بۇ مىڭنى پاششاپلار بەلكى ئون مىڭ.
چىقارسا شەھەردىن سەھراغا پۈتۈكلەر،
پۈتۈكلەرنى ئېلىپ ماڭار ئاتى ئىتتىكلەر.
پۈتۈكنى كۆربان مىڭ باشى - يۈز باش،
قىلاتتى بىرنى ئون ھەتتاكى ئون باش.
يۇقىرقى مىساللاردىن شۇ زامانلاردىكى باج، سېلىقنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى، باج يىققۇچى ئەمەلدارلانىڭ خەلقنى دەھشەتلىك ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئەنە شۇنداق پەيىتتە قەشقەرلىق ئۆمەر باي ياڭ زېڭشىنغا نۇرغۇنلىغان سوۋغا، تارتۇقلارنى قىلىش ئارقىلىق مەزكۇر باجنى ئىبراھىم لوزۇڭدىن بىر قانچە ھەسسە ئارتۇق تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ، ئۆزىگە كۆتۈرە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن سوۋغا - سالاملارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، باج يىغىش ھوقۇقىنى ئۆمەر بايغا كۆتۈرىگە بېرىشكە قوشۇلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان روزى ھاجىم دەرھال توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۆمەرباينىڭ باجنى ئۆرلىتىپ پايدا ئېلىش سۈيقەستىنى ئېچىپ تاشلاپ، قەشقەر خەلقنى بىر قېتىملىق باج ئۆرلەش ئاپىتىدىن ساقلاپ قالىدۇ.
ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىلاردا شىنجاڭنىڭ پۇل تۈزۈمى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدىغان پۇل ئوخشىايتتى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پۇلى شىمالىي شىنجاڭدا، شىمالىي شىنجاڭنىڭ پۇلى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆتمەيتتى. پۇلنىڭ تۈرىمۇ كۆپ ئىدى. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدە بىر سەرلىك كۆمۈش تەڭگە با ئىدى. يەنە بىر سەرلىك تىزا (قەغەز پۇل) مۇ بار ئىدى. بۇ 400 داچەنگە تەڭ كېلەتتى (10 داچەن بىر تومپۇ 〉 تىيىن 〈غا، بىر داچەن ئىككى سېرىق ياماققا ئۆتەتتى ) . قەغەز پۇلنىڭمۇ بىر قانچە تۈرى بار ئىدى. بىر خىل «گۇۋازا»، بىر خىل «شېڭ پىياۋ» دەپ ئاتىلاتتى. يەنە ئاق دابوغا بېسىلغان «ياغ تىزا» دېگەن پۇلمۇ بولۇپ، 10 دانىسى بىر سەر قەغەز پۇلغا ئۆتەتتى. بۇنىڭدىن سىرت بەزى سودا فېرمىلىرى ۋە بايلارنىڭ ئۆزى بېسىپ تارقاتقان چوكا پۇل (بامبۇكقا خەت ئويۇپ قويغان پۇل) نىڭ بىرى بىر مىسقال بولۇپ، 10 دانىسى بىر سەر كۆمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلەتتى. يۇقىرقى پۇللار پەقەت ئۈرۈمچىدىلا خەجلىنەتتى، باشقا جايلاردا ئۆتمەيتتى.
قەشقەردە بىر سەر، بەش مىسقال، ئۈچ مىسقال، ئىككى مىسقال، بىر مىسقاللىق «زەربى كاشىغىر» دېگەن خەت بېسىلغان تەنگە پۇل ۋە «خاپيوۋ» (قەشقەر تىزىسى喀票 ) دېگەن تىزا پۇل بولۇپ قەشقەردىلا خەجلىنەتتى. قەشقەرنىڭ بىر سەر پۇلى ئۈرۈمچىنىڭ ئۈچ سەر، بەك تۆۋەن بولغاندا ئىككى يېرىم سەرگە توغرا كېلەتتى.
ياڭ زېڭشىن ئەينى ۋاقىتتىكى باج تۈزۈمىنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن قولايسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ بۇ خىل ناچار ئىللەر بىلەن كارى بولمىدى، ئىسلاھ قىلىشنى ئويلاپمۇ قويمىدى. روزى ھاجىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرۇپ، زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ سودىگەرلىرىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى . بۇ مەسىلىنى ئۇ تۆۋەندىكىچە ھەل قىلدى: جەنۇبىي شىنجاڭ سودىگەرلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆز ماللىرىنى سېتىپ تاپقان ئۈرۈمچى پۇلىنى، قەشقەر ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىغان باج ھېسابىدا ئۈرۈمچى مالىيە ئىدارىسىغا تاپشۇرىدۇ. مالىيە ئىدارىسى سودىگەرلەرگە تالۇن يېزىپ بېرىدۇ. سودىگەرلەر قەشقەرگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن شۇ تالۇنغا ئاساسەن قەشقەرنىڭ باج، سېلقىنى كۆتۈرىگە ئالغان ئادەمدىن تېگىشلىك قەشقەر پۇلىنى ئېلىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سودىگەرلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىپلا قالماستىن، ماددىي مال ئالماشتۇرۇشمۇ كېڭەيدى.
ياڭ زېڭشىن ئىزچىل تۈردە «ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىش» تىن ئىبارەت ئەكىسيەتچىل مىللىي سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىغا ئېغىر ھالدا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ كەلگەن ئىدى. روزى ھاجىم ھەرقايسى مىللەت خەلقنىڭ ئېتتىپاقلىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، دوستانە بېرىش - كېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ، ھەر قانداق سورۇندا سۆز قىلغاندا «دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر ئائىلە، ھەرقايسى مىللەت ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان سۆز ھەرىكەتلەرنى ھەرگىز قىلماسلىقى لازىم» دەيتتى. ھەر قېتىملىق ھېيىت - بايراملاردا خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ھېيىتلاپ بېرىپ تەبرىكلەيتتى. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بىر يىلى نەنگۇەندىكى بىر ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ دۇكىنىغا ئوت كەتكەندە، شەھەر ئىچىدىكى خەنزۇ خەلقى تەشكىللىگەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرىدۇ. ئەتىسى روزى ھاجىم ئۆز ئۆيىدىكى ئاقسۇنىڭ ئېسىل گۈرۈچى ۋە بودىغان قازاق قويىدىن تۆتنى ئېلىپ ھەمدە قاسساپ، ئاشپەز ۋە ئوت كەتكەن دۇكاننىڭ ئېگىسىنى باشلاپ ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشقان خەنزۇ قېرىنداشلاردىن سەمىمى ھال سورايدۇ. روزى ھاجىم بىلەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى خەن كۆپچىلىككە ھەمراھ بولۇپ بىر تەرەپتىن تائام يېسە، بىر تەرەپتىن قىزغىن سۆھبەتلىشىدۇ. بۇ قىزغىن كەيپىياتقا تولغان جانلىق مەنزىرە كىشىگە ئىناق بىر ئائىلە كىشىلەرنى ئەسلىتىدۇ.
روزى ھاجىم ياڭ زېڭشىنغا كۆپ قېتىم جەمئىيەتتە خەلقنى زەھەرلەيدىغان پاھىشەخانا، قىمارخانا، ئەپيۈنخانا، نەشىخانا قاتارلىق جايلارنى تۈگىتىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ياڭ زېڭشىن پىسەنت قىلمىغانلىقتىن ئۈرۈمچىنىڭ نەچچە ئون يېرىدە بۇ خىلدىكى جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزىدىغان ناچار ئورۇنلار بولۇپ، قالاقلىق، پەسكەشلىك ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغانىدى. لېكىن روزى ھاجىم بۇنىڭ بىلەن كۈرەشتىن توختاپ قالمايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلاردىن تۇرمۇشتا چىرىكلەشمەسلىكىنى، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان يامان ئىش، ناچار ئىستىللارنى توسۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چەت يۇتلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر ياكى يولۇچىلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇ، دىنىي ئۆلىمالىق سالاھىيتى بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ، ئەگەردە ئۇلار يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىسا ئۇلارنىڭ دەسمايىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىلىرىنى قۇرۇق قول يولغا سالغاندىن كېيىن، ماللىرىنى سېتى پۇلنى يۇرتىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. روزى ھاجىمنىڭ بۇ تەدبىرى بىر قىسىم كىشىلەرنى يامان ئىشلاردىن قۇتقۇزۇپ قالىدى، شۇنداقلا جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزىدىغان ناچار ئادەت - ئىستىللارنى توسىدۇ.
روزى ھاجىم شىنجاڭنىڭ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. 1910 - يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغانىدى. شىنجاڭ سودىگەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى ئارقىلىق روسىينىڭ چوڭ - كىچىك شەھەرلىرىگە بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى، ھەتتا ئوتتۇرا شەرىقنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە باردى. شىنجاڭ سودىگەرلىرى بۇ جەرياندا چەت ئەلنىڭ سانائەتلىشىش تەجىربىلىرىنى ئۆگەندى. مەسىلەن: شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھۈسەيىن باي ئىلىدا كۆن - بۇلغارى زاۋۇتى قۇرۇشنى ئويلاپ روزى ھاجىمغا مەسلىھەت سالىدۇ. روزى ھاجىم بۇنى قوللاپلا قالماستىن، بەلكى ياڭ زېڭشىنغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنى بۇ ئىشنى قوللاش ۋە ھۆكۈمەتتىن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشكە كۆندۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۆزى كېپىللىك قىلىپ ھۈسەيىن بايغا ئۆلكە خەزىنىسىدىن 100 مىڭ سەر كۈمۈش قەرز ئېلىپ بېرىدۇ. ھەمدە زاۋوت قۇرۇلۇشى، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، خۇرۇم ئىشلەشچىقىرىشقا كىرىشىدۇ. 1923 - يىلى مىللىي ۋە خەنزۇ سودىگەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن (شاڭزۇڭ) روزى ھاجىم بىلەن ياڭ شاۋجۇ بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ شىنجاڭدا توقۇمچىلىق فابركىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇنىڭغا سوغۇق پوزىتىسيە تۇتىدۇ ۋە بۇ ئىشنى ئارقىغا سۆرەيدۇ. كېيىن ھەر ساھەدىكى ئەرباپلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ بۇ ئىشنى يەنە سۈيلىگەندىن كېيىن، ياڭ زېڭشىن فابرىكىنىڭ تەييارلىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پىلاندا، فابرىكا ئۈچۈن چىقىم قىلىندىغان خىراجەت بىر مىليون سەر ئۆلكە پۇلى بولۇپ (بۇ 400 مىڭ سەر كۈمۈشكە توغرا كېلەتتى)، بۇنىڭ يېرىمىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت چىقىرىش، قالغان يېرىمىغا فابرىكا قۇرۇشنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت چىقىرىش، قالغان يېرىمىغا فابرىكا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار مەسئۇل بولۇپ پاي قىلىپ خەلققە قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. روزى ھاجىم ئالدى بىلەن 25 مىڭ سەر پاي قوشىدۇ ھەمدە ھەر ساھەدىكى زاتلارنى پائال ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن200 مىڭ سەر پاي تېزلا يىغىلىدۇ. ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 1926 - يىلى قۇرۇلۇش پۈتۈن رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىنپ، 1928 - يىلى قۇرۇلۇش پۈتۈن رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىدۇ. 200 دەك ئىشچى - خىزمەتچىسى بولغان بۇ فابرىكا 1933 - يىلى ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچىگە ئىككىنچى قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.
ياڭ زېڭشىن تەخىتكە چىققاندىن كېيىن. خەلقنى جاھالەتتە قالدۇرۇش، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئېچىلغان ھەر خىل مەكتەپلەرنى تارقىۋەتتى. خەلق بۇنىڭغا قەتئىي قارشىلىق قىلغانلىقتىن كېيىنچە زورمۇزور بىر نەچچە مەكتەپنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى خەنزۇ مەكتەپلىرى بولۇپ، مىللىي مەكتەپلەر قايتا ئەلىگە كېلەلمىدى. ئۇ يىللىرى ئۈرۈمچىدە خەلق باشقۇرغان مەكتەپلەردىن گەرچە بىر نەچچىسى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى مەكتەپ دېگۈچىلىكى يوق ئىدى. ئۇنىڭ بىر خىلى مەسچىتلەردە ئېچىلغان كونا مەكتەپلەر بولسا، يەنە بىر خىلى چەت ئەل سودا فېرمىلىرى ئاچقان ئەجنەبىي مەكتەپ بولۇپ، مەخسۇس مىللىي ئارازچىلىق ئىدىيىسىنى تارقىتاتتى. روزى ھاجىم ياڭ زېڭشىنغا كۆپ قېتىم: « بىز جۇڭگولۇق، ياش ئۆسمۈرلىرىمىز ئازراق بولسمۇ جۇڭگونىڭ بىلىمىنى ئىگەللىشى لازىم» دەپ تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق جاھىل، چىرىكلەشكەن ياڭ زېڭشىن بۇنداق ھەققانىي سادالارنى قانداقمۇ ئاڭلىسۇن؟
روزى ھاجىم ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ مەكتەپ ئېچىش قارارىغا كېلىدۇ. 1921 - يىلى ئۈرۈمچى نەنگۇەندىكى چوڭ مەسچىت (بۇ مەسچىت ئەسلىدە خېلى بۇرۇنلا جامائەت تەرىپىدىن سېلىنغان بولۇپ، ئەسلى دەرۋازىسى ھازىرقى بانكا قۇرۇلۇشى بىلەن مەسچىت ئارىلىقىدىكى كونا يولدا ئىدى) نىڭ دەرۋازىسىنى چوڭ يولغا يۆتكەپ، ئەسلىدىكى دەرۋازا ئورنىغا ئىككى قەۋەتلىك ئىمارەت سېلىپ بىر مەكتەپ ئاچىدۇ. بۇ مەكتەپ دەسلىپىدە «تورانى»، كېيىن «ئەختەرىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەكتەپ جەدىدىيە بولۇپ دىنىي مەكتەپلەرگە ئوخشىمايتتى. گىرامماتىكا، ئىلمىي تەجۋىد، ئىلمىي ھېساب، جۇغراپىيە، ئانا تىلى، تارىخ، رۇس تىلى، رەسىم، تەنتەربىيە، ناخشا قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇتىلاتتى . مۇئەللىملەر ئابدۇخالىق زادە، نۇرىدىن ئەپەندى، شەمشىدىن، پەرىدىن قاتارلىقلار ئىدى. شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھازىر ئۈرۈمچىدىكى 80 ياشتىن ئاشقان باقى ئاخۇن تۇردى ئوغلى ئۇنىڭ جانلىق گۇۋاھىچىسى.
يۇقىرىقىلاردىن سىرت روزى ھاجىم يەنە خەلق ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن: كورلا، ماناس كۆۋرۈكىنى سېلىش ۋاقتىدا ھۆكۈمەتكە ئالاھىدە تەكىلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سادىق كاسسىرى ھەزىرم ئاخۇننى ئىقتىسادىي مەسىلىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۈرۈمچىدىكى يېڭى مەھەللە، كونا نەنمىندىكى كۆۋرۈكلەرنى ئۆز ئىقتسادىي بىلەن ياسىغان. كونىلارنىڭ كۆپ تەرىپلىشىچە روزى ھاجىم چوڭ ساخاۋتلىك كىشى بولۇپ، نەزىر، ھوشۇر - زاكاتلارنى مىللەت ئايرىماستىن كەمبەغەللەرگە بەرگەن، مۇتەئەسسىپ موللىلارنىڭ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى توقۇغان تۈرلۈك پەتىۋالىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
روزى ھاجىم 1927 - يىلى ياڭ زېڭشىن ئۆلۈشىتىن بىر يىل ئىلگىرى ھەج تاۋاپ قىلىپ ھاجى بولغان. 1928 - يىلى، ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈلۈلگەندىن كېيىن ئۆلكىلىك كېڭەش پالاتاسنىڭ مۇئاۋىن يىجاڭلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەپ كەلگەن. شۇ يىلى 8 - ئايدا جىن شۇرېن تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، ياڭ زېڭشىندىنمۇ بەتتەرلىشىپ، دېھقانلار قولىغا ئۆتكەن يەرلەرنى ۋاڭ، گۇڭلارغا قايتۇرۇپ بېرىشنى يولغا قويغانلىقتىن قۇمۇل خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. ھۆكۈمەتكە قارشىلىق كۆپيىدۇ. روزى ھاجىم ۋاڭ، گۇڭلۇق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرغانلىقتىن جىن شۇرېن بىلەن پىكىر ئىختىلاۋى تۇرغانلىقتىن جىن شۇرېن بىلەن پىكىر ئىختىلاۋى تۇغۇلۇپ زىددىيەت كۈچەيگەنلىكتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. لېكىن ئۇ، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
1932 - يىلى روزى ھاجىم 62 يېشىدا ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتى «ئاپېرىل ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن تەخىتكە چىققان شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغانىدى. 1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 11 ماددىلىق بېتىمگە ئاساسەن مۇسادىرە قىلىنغان مۇلۈكلەر قايتۇرۇلغاندا، روزى ھاجىمنىڭ مال - مۈلۈكىنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا قايتۇرۇلغان. قايتۇرۇلغان بۇ مۈلۈكنىڭ كۆپ قىسمىنى ئازادلىقتىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۈرۈمچى يوللىرىنى ياساش، ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىشكە ئىئانە قىلدى. قالغان ئاز قىسىمىنى لىچۈن سانائەت شېركىتىگە پاي قۇشقان. ھازىر ئۈرۈمچىدە روزى ھاجىمنىڭ رەپىقىسى، ئالىي مەلۇماتلىق ئوغۇل، قىز، نەۋرە، چەۋرىلىرى بار.
قۇشۇمچە:
مەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تارىخىي ماتېرىياللار تەتقىقات كومىتېتىنىڭ ھاۋالە قىلىشى بىلەن، روزى ھاجىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياخشى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن نۇرغۇن ئىزلەندىم. ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلدىم. بۇ جەرياندا روزى ھاجىمنىڭ يېقىن ئادىمى، ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېنلارنىڭ تەجىمانى مەرھۇم ناسىر ھەسەن (ناسىر بەگ)، شېڭ شىسەي فۇگۇەن (قازا قىلدى)، روزى ھاجىم (قازا تاپتى) ، خەنزۇ پېشقەدەملەردىن روزى ھاجىم توغرىسىدا مەلۇمات ئالدىم.
پېشقەدەم جاڭ جەنخۇڭ روزى ھاجىمنى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: «مەن 90 دىن ئاشتىم، كۆپ ئادەملەرنى ئۇچراتتىم. بىراق روزى ھاجىمدەك ئالدىل، ئەقىل - پاراسەتتە تاكاممۇللاشقان، ۋەتەن، خەلقنى سۆيىدىغان كىشىنى كەم ئۇچراتتىم. بىراق روزى ھاجىمدەك ئادىل، ئەقىل - پاراسەتتە تاكاممۇللاشقان، ۋەتەن، خەلقنى سۆيىدىغان كىشىنى كەم ئۇچراتقان». بۇ بىر قاتار ئىزلىنىشلەر ئارقىلىق مەن روزى ھاجىمدەك ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار زاتقا ئۈرۈمچى تارىخىدىن ئورۇن بېرىش لازىملىقنى، بولۇپمۇ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تارىخىغا ئۇلارنىڭ پارلاق ئىش - ئىزلىرىنى كىرگۈزۈش لازىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.