UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇكېرىم ئابباسوف

ئابدۇكېرىم ئابباسوف

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ئۇيغۇر، 1921 - يىلى توغۇلغان. 1944 - يىلى كۈزدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، مىللىي ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپ بولغان. ئۈچ ۋىلايەت «شىنجاڭ تىنچلىق خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بېيجىڭگە مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1 - سانلىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا كېتىۋېتىپ بەختكە قارشى ئايروپىلان ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇكېرىم ئابباسوف | UyghurWiki | UyghurWiki