UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىبراھىم قۇربان

ئىبراھىم قۇربان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئىبراھىم قۇربان 1942 - يىل 8 - ئايدا ئۈچتۇرپان ناھىيسىنىڭ يامانسۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1950 - يىلدىن 1958 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1980 - يىلغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەتچى ۋە ئۈچتۇرپان ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئىبراھىم قۇرباننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1954 - يىلى شېئىر بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن شېئىر، بىر قىسىم ھېكايىلارنى ۋە درامىلارنى ئېلان قىلغان. ئىبراھىم قۇرباننىڭ <يەتتە قىزلىرىم> ناملىق داستانى كىتابخانلار ئارىسىدا مەلۇم تەسىر قوزغىغان. ئىبراھىم قۇرباننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يەتتە قىزلىرىم> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق داستانى بار. بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئىبراھىم قۇربان ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى