ھاشىم ھاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھاشىم ھاجى ئۇيغۇر، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ پولكوۋنىڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارى (ھاشىم ھاجىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىسمى ھەسەن). 1935 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن يۈي شيۇسۇڭ (ئەسلى ئىسمى ۋاڭ شۇچىڭ) باشچىلىقىدىكى 25 نەپەر خەنزۇ، ئۇيغۇر بولشېۋىكلار پاتىيىسى ئەزالىرى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىدا ئىشلەيدۇ. 1935 - يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1937 - يىلى ئەتىيازدا خىزمىتىدىن دوكىلات بېرىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ. شۇ يىلى سىمىنوف (رۇس) بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، شېڭ شىسەي تەسىس قىلغان مەخپىي سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ. 1938 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن سىمىنوف، ياقۇپ (قازاق) لار بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەھبۇسلارنىڭ ئىقرانامىسىنى ئېلىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۇ يىلى قىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ جاڭ شىڭ، يىڭ لياڭ، خوجىنىياز ھاجىم، خۇاڭ خەنجاڭ، شېرىپخان تۆرە، ماشاۋۋۇ، مەپۇز ۋاڭ ، ئابدۇللا داموللا، سوپا شەنجاڭ قاتارلىق 108 نەپەر كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرسە بولىدۇ. دېگەن تەستىقنى ئېلىپ كېلىپ شېڭ شىسەيگە يەتكۈزىدۇ. شېڭ شىسەي تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن شۇ يىلى 12 - ئايدا مەخپىي سوت ھەيئىتى ھاشىم ھاجىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدا ئىككىنچى تۈرمە (ھازىرقى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئورۇنلاشقان ئورۇن) دە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئارغامچا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ھاشىم ھاجى ئۆز دۆلىتىگە قايتىدۇ.
ھاشىم ھاجى 1939 - يىلى ئەتىيازدا موسكۋادىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك سابىق ساقچى باشقارمىسىدا 6 - بۆلۈم دېگەن ئاخبارات بۆلۈمىگە باشلىق بولىدۇ ۋە مەخپىي سوت ھەيئىتىنىڭ خىزمىتىنىمۇ ئىشلەيدۇ.
1939 - يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت باشلايدۇ. سوۋېتپەرەس خادىملارنى قولغا ئالىدۇ. مەسىلەن، ساقچى باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇربان نىياز (سوۋېت ئىتتىپاقى قىزغىزىستان قىزىل ئارمىيە ئۇنىۋېرستېتىنى پۇتتۇرگەن)، مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى قۇربان سەئىدى، تەمىنات نازىرى ئابدۇللا داموللا ۋە مىللىيلاردىن سوۋېت ئىتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى قولغا ئالىدۇ، ئۇلارغا «تۇرپان، پىچان، توقسۇندىكى دېھقانلار توپىلىڭىنى پىلانلىغان» دېگەن گۇناھنى ئارتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە بۇ توپىلاڭنىڭ پىلانلىغۇچىلىرى ئۈزۈمچىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن ساقچى باشقارمىسىدىكى سوۋېتلىك ئاخبارات مۇتەخەسسىسى ھاشىم ھاجىلار، دەپ مەلۇم قىلىدۇ. نەتىجىدە سوۋېت ئىتتپاقى سوۋېت كونسۇلخانا خادىملىرى بىلەن ھاشىم ھاجىنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھاشىم ھاجى شىنجاڭغا قايتا كەلمەيدۇ.
يېقىندا ئۇقۇشىمىزچە، ھاشىم ھاجى (ھەسەن) ئالمۇتادا 1972 - يىلى ئۆلگەن.
(ھاشىم ھاجىنىڭ تەرجىمىھالى «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 1 - سان 111 - بەتتىكى «شىنجاڭ مەخپىي سوت ھەيئىتى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىدىن ۋە قۇمۇل ساقچىدا ھاشىم ھاجى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ھوشۇر مۇسا قاتارلىقلارنىڭ سۆزىدىن ئېلىندى. )