ئىلى ئېزىز
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
دراماتورگ ئېلى ئېزىز 1922 - يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1932 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيسىگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان؛ 1939 - يىلدىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ 1949 - يىلغىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، سانايى نەفىسەلەردە سەنئەت خادىمى ۋە مىللىي ئارمىيىدە مەدەنىيەت خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن؛ 50 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە، كېيىنچە جەنۇبىي شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىدە خىزمەت قىلغان، 1958 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئىجادىيەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
ئىلى ئېزىز پېشقەدەم دراماتورگلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، 1940 - يىللاردىن تارتىپلا ئىزچىل تۈردە دراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ، ھازىرغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <قۇملۇقتىن ئازاد>، <قانلىق دېڭىزنىڭ غەزەپلىك دولقۇنى>، <گۈلەمخان>، <قىزىل ئاشخانا>، <پەرھاد - شېرىن>، <غېرىپ - سەنەم> قاتارلىق درامىلارنى يازغان. بۇ درامىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سەھنىلەردە ئوينىلىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، ئۇ يەنە تېيىپجان ئېلىيوپ، زۇنۇن قادىرىلار بىلەن بىرلىكتە <غېرىپ - سەنەم> كىنو سىنارىيسىنى يېزىپ چىققان.
ئېلى ئېزىزنىڭ بىر قىسىم درامىلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. شىنجاڭ خەلق درامىلار توپلىمىنى نەشر قىلغان.
ئېلى ئېزىز شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.