نەبىجان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نەبىجان ئۆزبېك، دادىسى تاشكەنىتلىك بولۇپ، 1850 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قانداقتۇر سەۋەبلەر بىلەن ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ نارىن شەھىرىگە كېلىپ، شۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئاتۇش مەشەتلىك مۇھەممەت ئىمىن (ئۇيغۇر، ئۆزبېكىستاندا كۆپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن تىل - ئادەتلىرى ئۆزبېكلەشكەن) دېگەن كىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. مۇھەممەت ئىمننىڭ چارروسىيە سانائەت كاپىتالىستلىرى بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىدۇ. كېيىن ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدۇ. نەبىجان نارىندا 1910 - يىلى تۇغۇلىدۇ. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى نارىندا، ئوتتۇرا مەكتەپنى موسكۋادا پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشكەنىتتىكى شەرقە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1935 - يىلى نارىندىن ئۈچتۇرپانغا كېلىپ، ئۈچتۇرپاندىكى كاتتا باي شاھاجىم (مەرھۇم مۇئاۋىن رەئىس مۇھەممەت ئىمىن - ئىمىنوفنىڭ چوڭ دادىسى) نىڭ ئۆيگە چۈشىدۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي شاھاجىمنىڭ قىزى خالبۈۋىگە ئۆيلىنىدۇ. 1936 - يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىدا ئىشلەيدۇ. 1939 - يىلىنىڭ بېشىدا سېيىت ھاجى قاتارلىق موسكۋا ئەۋەتكەن كىشىلەر سوۋېتكە قايتقاندىن كېيىن نەبىجان قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ. (ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەركەن، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى مەلۇم) 1943 - يىلى ئۈرۈمچىدىكى كادىرلار يېتىشتۈرۈش مەكتىپى (ئورنى ھازىرقى سەنئەت ئىنستىتۇتى) دە ئوقۇيدۇ. 1944 - يىلى غۇلجىغا كېتىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئىلى ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ مەزگىلدە 1946 - يىلى غۇلجىدىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. 1947 - يىلى بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى غۇلجىغا قايتقاندا نەنىجان ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ھەدىسى لەتىپە خانىم (ئالدىنقى بەتلەردە توختاپ ئۆتۈلگەن سېيىت ھاجىنىڭ ئايالى) ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۇرۇش بولۇپ قىلىش ئېتھمالى بار دەپ غۇلجىغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۆلكە ئازاد بولغاندىن كېيىن نەبىجان 1950 - يىلىدىن 1953 - يىلىغىچە خوتەندە باش ۋالىي، 1953 - يىلىدىن 1955 - يىلىغىچە ئۆلكىلىك تەپتىش باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1955 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىپ فۇرۇنزىدا ماگىزىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ، 1978 - يىلى ۋاپات بولىدۇ.