UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنەمەت خەلپەت

نەمەت خەلپەت

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى نەمەت خەلپەت (كەمى) 1888- يىلى ھازىرقى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۆكچۈن رايونىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن، لۆكچۈندىكى مەدرىستە ئەلا ئوقۇپ، 20 يېشىدىلا شۇ مەدرىستە خەلپەت (ئوقۇتقۇچى) بولغان. نەمەت خەلىپەت كىچىكىدىنلا زېرەك، تېتىك ۋە ئىشچان بولۇپ، ئوقۇش جەريانىدا پارىس، ئەرەب، تۈركىي تىللارنى پىششىق ئۆگەنگەن. شائىر نەمەت خەلىپەت بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇ زالىم ئەمەلدارلارنىڭ، ۋاڭ - بەگلەرنىڭ ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىدىن، ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلۈكىدىن، زالىملىقىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ - دە، ھايات ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇش رېئاللىقى ئۇنىڭدا ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئارزۇسىنى ئارزۇسىنى قوزغايدۇ. قەلەمنى قورال قىلىپ، زالىم ئەمەلدارلار، جاھىل روھانىلارنى پاش قىلىپ، كونىلىق، مۇستەبىتلىك، خۇراپىي نادانلىق، تەقدىرچىلىكنى سۆكىدىغان كۆپلىگەن شېئىر، قوشاق، لەتىپىلەرنى يېزىپ خەلقىنى ئويغىتىدۇ. 1912 - يىلى تۇرپاندا، 1931 - يىلى قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلگەندە، نەمەت خەلىپەت <بارىكاللا> دېگەن داستاننى يېزىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭىنى مەدھىيلىگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن <بارىكاللا> داستانى توي - تۆكۈن، بەزمە - مەشرەپلەردە ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يادلىنىدۇ. 1931 - يىلى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپە بىلەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇيدىن ئاخۇنۇمنى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدىتىدۇ. بۇ قوزغىلاڭلار مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شائىر نەمەت خەلىپەت <پۇشايمان>، <ھەسرەت> ناملىق شېئىرلارنى يېزىش بىلەن قوزغىلاڭچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ مەرسىيە ئوقۇيدۇ. ئىنقىلابىي خەلقنى داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىشقا دالالەت قىلىدۇ. 1930 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، تۇرپان دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنىڭ ھازىرلىقى بولىدۇ. بۇ چاغدا، نەمەت خەلىپەت مەسچىت - مەدرىسلەردە، خەلق سورۇنلىرىدا تەشۋىقاتچىلىق قىلىدۇ. 1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە نەمەت خەلىپەت، خوجىنىياز ھاجىغا مەسئۇل كاتىپ ۋە مەسلىھەتچى بولىدۇ. 1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ياتىدۇ. 1947 - يىلى گومىنداڭنىڭ چىدىماسلىق قىلىشى بىلەن 11 ماددىلىق بېتىم بۇزۇلغاندا، نەمەت خەلىپەت ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىلىغا بارىدۇ. ئۇ، 1948 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. شائىر نەمەت خەلىپەت ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ ئالاھىدە قەدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، 1962 - يىلى كېسەل بىلەن قازا قىلغانغا قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى. شائىر نەمەت خەلىپەتنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى ئەسەرلىرى شېڭ شىسەي قولىدا نابۇت بولغان بولسا، ئازادلىقتىن كېيىن يازغانلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ۋەيران بولدى. ھازىر قولىمىزدا ئۇنىڭ 1947 - يىلدىن ئازادلىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلىدا يېزىپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى بار. ئۇنىڭ كۆپلىگەن لەتىپە، يۇمۇر، چاقچاقلىرى خەلق ئارىسىغا تارالغان. بىز شائىر تۇغۇلغانلىقىغا 108 يىل توشۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ تونۇيمىز.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى