ھاجى مىرزاھىد كېرىمى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 1939 - يىل 11 - ئايدا قەشقەر شەھىرىەە تەۋە تاربوغۇز كەنتىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1955 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1958 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، كېيىن ناھەقچىلىككە ئۇچراپ بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان، تۈرمىدىن چىقىپ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن مائارىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1956 - يىلى شېئىرىيەت بىلەن باشلانغان، ئاشۇ چاغلاردا <ساندۇق تەسىر بوۋاق> ناملىق شېئىرى ئەدەبىيات ساھەسىدە تەسىر قوزغىغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە يۈزلىگەن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <شېرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە> قاتارلىق ھېكايىلارنى ھەم <جۇدالىق> ناملىق روماننىڭ 1 - قىسىمىنى يازغان.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئالتۇن ئاچقۇچ> (ھاجى ئەخمەت كۆلتېكىن بىلەن بىللە، 1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <سۈزۈك تاراملار> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار - داستانلار توپلىمى، <ھېيتگاھتا ھېيىت كۈنى> (1989 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار توپلىمى، <جۇدالىق> (1 - قىسىم، 1991 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.