UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىپايدىلىق

پايدىلىق

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى نەمەت خەلىپەت مېۋىسىز باغ - بوستاندىن چۆل - باياۋان پايدىلىق، مەنپەئەتسىز ئادەمدىن تىلسىز ھايۋان پايدىلىق. بىلمىسە ئۆز قىممىتىنى، بىلدۈرگىلى بولماس ئاڭا، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى بىلسە ئىنسان پايدىلىق. ھېچ كىشى دۇنيادا ھەرگىز بولمىسۇن زىندانغا بەند، پىتنىخورغا ۋە لېكىن شۇبۇ زىندان پايدىلىق. سەن يىلاننى تاش بىلەن ئۇرغان يامان دەپ تۇرمىغىن، گەر قولۇڭدا بولسا تاش ۋاقتىدا ئۇرغان پايدىلىق. قالما پىنھان ئاغرىقىڭ بولسا تىۋىپ ھازىققا بار، قىلسا ئۆز ۋاقتىدا دوختۇر دورا - دەرمان پايدىلىق. خارلىنىپ ھەم زارلىنىپ قۇللۇقتا يۈرگەندىن ھايات، ئاتلىنىپ بولساڭ مەگەر مەيداندا قۇربان پايدىلىق. سۆيمىگەن ئۆز خەلقىنى مۆمىن، پەقىرلەردىن پەقەت، كۆپ ئۈچۈن كۈي - كۈيلىگەن بۇلبۇل - خەندان پايدىلىق. تېز پۈكۈپ ئالتۇن تاۋاققا تاما قىلغاندىن كۆرە، ئۆز كۈچۈڭدىن تېپىپ يېگەن بىر پارچە نان پايدىلىق. كۆپچىلىككە كەلسە ناگاھ قايغۇلۇق بىر ھادىسە، قەھرىمان ھەم پالۋان، ھەم شىرى - غازان پايدىلىق. دەم غەنىمەت، ۋاقىت، پۇرسەتنى قولۇڭدىن بەرمىگىل، ئەيلىسەڭ ھەر ئىشنى سەن ۋاقتىدا چەندان پايدىلىق، مەن ۋەتەن خىزمەتچىسى دەرسەن ئۆزۈڭنى ئەي كەمى، ھەرنەپەس خەلقىڭ ئۈچۈن تاپساڭ شەرەپ - شان پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى