UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىقەييۇم سوپى

قەييۇم سوپى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر قەييۇم سوپى 1947 - يىل 10 - ئايدا قورغاس ناھىيە بازىرىدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قورغاس ناھىيسىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1964 - يىلدىن 1968 - يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، ھازىر <ئىلى كەچلىك گېزىتى> ئىدارىسى پارتكومىنىڭ پارتكومىنىڭ شۇجىسى. قەييۇم سوپىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1962 - يىلى <ئىلى گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <دوستلىرىمنى چىللايمەن> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە <ۋەتەن ماڭا بۇيرۇق بەر>، <ئىلھام جامى تولدى شەربەتكە> قاتارلىق نۇرغۇن شېئىرلارنى؛ <تىيانشان كۈلكىسى>، <ياشلىق ناخشىسى> قاتارلىق پوۋېستلارنى ۋە يەنە بىر مۇنچە ھېكايە ھەمدە <يىگىت قەلبى> قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلىپ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. قەييۇم سوپىنىڭ <تىيانشان كۈلكىسى> (1984 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <يىگىت قەقەلبى> (1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار ۋە پوۋېست - ھېكايىلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. قەييۇم سوپى ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قەييۇم سوپى | UyghurWiki | UyghurWiki