UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەھەممەت شاۋۇدۇن

مەھەممەت شاۋۇدۇن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ۋە ژۇرنالىست مەھەممەت شاۋۇدۇن 1942 - يىل 12 - ئايدا كۇچا ناھىيىسىدە ئوقۇمۇشلۇق دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە كۇچادا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1956 - يىلى سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1960 - يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى گېزىتى> نىڭ مۇھەررىلىكىگە ئېلىپ قېلىنغان، 1962 - يىلدىن ئېتىبارەن ئىلگىرى - ئاخىر <شىنجاڭ گېزىتى> ۋە <تارىم> ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن، ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، <تارىم> ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. مەھەممەت شاۋۇدۇننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1957 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <چېنىق ئىنىم> ناملىق شېئىرى بىلەن رەسىمىي باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <چېچەك ھىدى>، <يېزا لىرىكىلىرى>، <بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار> قاتارلىق شېئىرلارنى؛ <مۇئەللىم>، <ئاھ، چاقچاق>، <ئالىم بىلەن ئايىم> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىدىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئۆز نۆۋىتىدە تونۇلغان ژۇرنالىست ۋە ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ، <10 يىلغا مەدھىيە>، <ياڭ كەيخۇي ھەققىدە ناخشا> قاتارلىق داستانلارنى؛ ئەي چىڭ، گومورو، زاڭ كېجيالارنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان، <تىيەنئەنمىن شېئىرلىرى> ناملىق كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان. ئۇ يەنە < لېي فىڭ ھەققىدە ھېكايىلار>، <ھاجى مۇرات> قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلەرنىمۇ تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. مەھەممەت شاۋۇدۇن نەشر قىلدۇرغان ئەسەرلىرىدىن <يۈرەك ناخشىلىرى> (1981 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى، <بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرى ھەر خىل بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن ۋە مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. مەھەممەت شاۋۇدۇن ھازىر ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى