UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىكېرىمجان ئابدۇرېھىم

كېرىمجان ئابدۇرېھىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ياش ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي تەنقىدچى كېرىمجان ئابدۇرېھىم 1965 - يىل 10 - ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1982 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقاكىرگەن، 1986 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆزى ئوقۇغان فاكۇلتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقات پائالىيىتى 1985 - يىلى ئېلان قىلىنغان <تاھىر - زۆھرە> داستانىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا> ناملىق تەتقىقات ماقالىسى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۇيغۇرلاردا مۇھەببەت قوشاقلىرىنىڭ قەدىمىيلىكى توغرىسىدا>، <ھازىرقى - بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر درامىچىلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى>، <ئىزلەنمە ھېكايىچىلىقىمىز ھەققىدە>، <ھېكايىلىرىمىزدە سىموۋول>، <بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدا پروزچىلىقنىڭ ئورنى>، <ئەدەبىيات رېئاللىقى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى> قاتارلىق 80 پارچىغا يېقىن ئىلمىي، ئەدەبىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. كېرىمجان ئابدۇرېھىم يەنە <ئەدەبىيات ۋە تەسۋىر> ناملىق كىتابنى تۈزۈشكە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ <ئەدەبىيات نەزەرىيىسى> كىتابىنى يېزىشقا قاتناشقا، <بۇرۇت ماجىراسى> ناملىق ئىزلەنمە ھېكايىلار توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىغان، <پروزچىلىقنىڭ يېڭى قوللانمىسى>، <شېئىرىيەتنىڭ يېڭى قوللانمىسى> قاتارلىق كىتابلارنى تۈزگەن. كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ <يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى> (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەنقىدچىلىك مەسىلىلىرى> (1996 - يىل، شىجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. كېرىمجان ئابدۇرېھىم ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كېرىمجان ئابدۇرېھىم | UyghurWiki | UyghurWiki