نۇرمۇھەممەت توختى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى 1949 - يىل 12 - ئايدا خوتەن ناھىيسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە توغۇلغان، 1956 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل يېزىدا قايتا تەربىيە ئالغان، 1973 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ، خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم قاتارلىق جايلاردا ئىشلىگەن، 1988 - يىل 7 - ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر خوتەن ئالىي پېداگوگىكا تېخنىكومىدە ئىشلەۋاتىدۇ.
نۇر مۇھەممەت توختىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ باشلانغان. ئۇ، قىسقىغىنا بىر مەزگىللىك ئىجادىيەت ھاياتىدا <بەش تۈپ سەگۈ تېرەك>، <ئۇ دۇنيادىكى سوراق>، <ئاجايىپ كەسپىي ئائىلە>، <تامغا> قاتارلىق ھېكايىلارنى؛ <چۆل ئوغلى>، <شەھلا كۆز> قاتارلىق پوۋېستلارنى ۋە بىرمۇنچە نەسرلەرنى ئېلان قىلىپ، خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان.
نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۇ دۇنيادىكى سوراق> (1990 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگلەنلەر> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق نەسىرلەر توپلىمى، <شەھلا كۆز> (1995 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى) ناملىق پوۋېست - ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
نۇرمۇھەممەت توختى ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.