مەجلىسى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ «دىۋان مەجلىسى» ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان ئەدىبنىڭ ئىسمى ۋە تەرجىمىھالى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرەر ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز.
«دىۋان مەجلىسى» ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولماستىن، بەلكى، نەزمى شەكلىدە يېزىلغان «قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» داستانىدۇر. «دىۋان مەجلىسى» دېگەن ئىسىم ئاپتورنىڭ ئۆز نامىنى ئەسىرى بىلەن باغلاش يۈزىسىدىن قويۇلغان بولسا كېرەك.
«قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» نىڭ ئەسلى ۋەقەلىكى «مىڭ بىر كېچە» دىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ شۇ مەزگىلگىچە بولغان ئارىلىقتا نەسرىي ۋە نەزمىي داستان شەكلىدە خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان ھەمدە پارس - تاجىك تىلىدىكى يازما ئەدەبىياتتىمۇ ئەكس ئەتكەنىدى.
مەلۇمكى، مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان «قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» داستانى پارس - تاجىك تىلىدا يارىتىلغان نەسرىي قىسسەلەردىن ئىلھاملىنىپ يېزىلغان. لېكىن ئۇ ئاپتورنىڭ ئىجادىي ئەمگىكى بولۇپ، «مىڭ بىر كېچە» ۋەقەلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭدىكى پەرق روشەن تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
داستاننىڭ ئوخشىمىغان ۋارىياتلىرى ئەڭ دەسلەپ 1807 - يىلى قازاندا «سەيفۇلمۈلۈك _ بەدىئۇلجامال» نامىدا: 1840 - يىلى قازاندا «قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» نامىدا؛ 1092، 1909 ۋە 1914 - يىللىرى قازاندا «قىسسەئى ئابدۇلمۇلۇك» نامىدا نەشىر قىلىنغان، داستاننىڭ 1840 - يىلى قازاندا نەشىر قىلىنغان نۇسخىسى «مەجلىسى» قەلىمىگە تەئەللۇق بولۇپ، ئاپتور ئۇنىڭدا ئۆزى ھەققىدە:
«ئوقۇبان مەجلىسىنى ياد قىلىڭ،
دۇئا بىرلە ئانى سىز قىلىڭ.
تىلەكدۇر دۇئا ئۆزگە سۆزۈم يوق،
بۇ دۇنيادا سۆزۈم قالغاي ئۆزۈم يوق.»
دەپ يازغان.
«قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» ھىجرىيىنىڭ 960 - يىلى (مىلادىيە 1552 - 1553 - يىللار) يېزىلغان. ھەسەن نىسارىينىڭ 16 - ئەسىردە يازغان مۇزەككىرۇل - ئەھباب تەزكىرىسىدە بېرىلگەن بىر ئېپىزوتتا مەجلىسنىڭ زەھرىددىن مۇھەممەد بابۇر ھۇزىرىدا تۇرغانلىقى، ئىككى تىلدا (تۈركىي ۋە فارسىي تىل) تۈرلۈك ژانىرلاردا شېئىرلار يازغانلىقى، بابۇرنى خاپا قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئوردىدىن ھەيدىۋەتكەنلىكى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ھەمدە مەجلىسنىڭ پارس تىلىدىكى قەسىدىسىدىن بىر بېيىت بېرىلگەن. بابۇرنىڭ كابۇلدا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋاقتى مىلادىيە 1504 - يىلىدىن كېيىنكى مەزگىلگە تەئەللۇق بولۇپ، يۇقىرىقلارنى بىر - بىرىگە باغلاپ قارىغاندا، شائىر مەجلىسنىڭ ئىجادىي ھاياتى 16 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.
«قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» داستانى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (چاغاتاي تىلى) بىلەن يېزىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە شائىر:
«ئەرىخ تۈركى تىلغە نەزمى ئېپتىمەن،
ھەۋەس بىرلە ئوقۇپ مەۋزۇن ئېپتىمەن.»
دەپ ئېنىق ئېيتىدۇ.
ئىشقىي مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنغان ئىپىك ئەسەر _ «قىسسەئى سەيفۇلمۈلۈك» تە مىسىر پادىشاھى ئاسمىنىڭ ئوغلى سەيفۇلمۈلۈكنىڭ دادىسى ئۆزىگە تەقدىم قىلغان تونغا كەشتىلەنگەن گۈلىستان ئېرەمدىكى دېۋىلەر شاھى شەھبالىنىڭ قىزى بەدىئۇلجامالنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا غايىبانە ئاشىق بولغانلىقى، ئۇنىڭ مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە يېتىش يولىدا بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرى ۋە ئاخىر مەلىكە بەدىئۇلجامال بىلەن يېتىشىپ، ئىككى ئاشىق - مەشۇقنىڭ مۇراد - مەقسەتلىرىگە يەتكەنلىكى ھېكايە قىلىنىدۇ.
ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ئەپسانىۋى - فانتازىيىلىك ئامىللارغا بايلىقى، رەڭدار ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولۇشى بىلەن كىشىن ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنىڭدىن ھەر بىر ۋەقەلىك ۋە تەپسىلات ئايرىم - ئايرىم ماۋزۇلاردا بايان قىلىنىدۇ. ئومۇمەن، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تونۇلغان يىرىك بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، شائىر مەجلىسنىڭ نامىنى ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ.