مەمتىمىن شىتەي
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مىرزا مامۇت ۋاڭنىڭ ئوغلى مەمتىمىن شىتەي ۋاڭ 1898 - يىلى تۇغۇلۇپ، 23 - يىل چىنۋاڭ نامى بىلەن يۇرت سورايدۇ. قوشۇمچە ئۈچتۇرپاندا چېگرا ساقلىغۇچى ھەربىي (شىتەيلىك مەنسىپىدە) ئەمەلدار بولۇپ قوش تامغا تۇتىدۇ. ئۇ ئۈچتۇرپاندا شىتەي بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە چەت ئەلدىن كىرگەن شاپدان باتۇرنى تۇتۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ. كېيىن ياڭ زېڭشىڭنىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بىلەن قەشقەرگە ئەسكەر ئېلىپ بېرىپ، ماشاۋۋۇ (مادوتەي) بىلەن بىرلىشىپ، مىلىتارىست مافۇشىڭ (مانىتەي) نى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىدۇ. ئۇ ئۈچتۇرپاندا 1923 - يىلى ۋاپات بولىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى كۇچاغا ئېلىپ بېرىلىپ. كۆكگۈمبەزلىكتىكى ئەجداتلىرى يېنىغا قويۇلىدۇ.