ئابدۇكېرىم مەخمۇتوف
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇكېرىم مەخمۇتوف 1921 - يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ بويامەت يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1938 - يىلى ئۈرۈمچى پىداگوگ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقاندا ئىنقىلابىي پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئالتايغا سۈرگۈن قىلىنغان. 1943 - يىلىدن 1944 - يىلىغىچە جىمۇنەي، قاپا ناھىيلىرىدە مەكتەپ مۇدىرى بولغان. 1944 - يىلى 4 - ئايدا جىمۇنەي ناھىييسىدە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولغان. 1944 - يىلى 9 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1950 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى مۇستەقىل 2 - برىگادا ئاتلىق 4 - پولكىدا مۇئاۋىن روتا كوماندىرى، روتا كوماندىرى، مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە شىتاب باشلىقى بولغان. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 5 - كورپۇس 13 - دىۋىزىيە 38 - پولكنىڭ شىتاب باشلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىلىڭبۇ خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ھەربىي رايون ئىچكى قوغداش برىگادىسى ۋە ئاتلىق 3 - پولكىنىڭ پوللىك كوماندىرى، شىنجاڭ خوتەن شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى، ئىلى ھەربىي رايون سىلىڭبۇسىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى، شىمالىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1955 - يىلى 3 - دەرىجىلىك ئازادلىق ئوردىنىغا ئېرىشكەن. 1955 - يىلى مايورلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1964 - يىلى 6 - ئايدا پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1988 - يىلى مۇستەقىللىق شەرەپ ئوردىنىغا ئېرىشكەن.
ئابدۇكېرىم مەخمۇتوف 1996 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى 75 يېشىدا ۋاپات بولدى.