سەككاكى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ 15 - ئەسىردىكى بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى سەككاكىدۇر.
سەككاكىنىڭ نامى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگىمۇ مەشھۇر، لېكىن شائىرنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت ھېچقانداق تارىخىي ھۆججەت ساقلانمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شائىرنىڭ نامى پەقەت ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەنلا ئاتىلىپ كەلمەكتە.
سەككاكى تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن بىرى بولغان ئاتاقلىق ئاسترونوم، ئالىم ئۇلۇغبەگ دەۋرىدە سەمەرقەنتتە ياشاپ ئىجادىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ئۆزىنىڭ «مەجالىسۇن نەفائىس» ناملىق ئەسىرىدە: «مەۋلانە سەككاكى ماۋەرائۇن _ نەھرىلىكتۇر. سەمەرقەنت ئەھلى ئاڭا كۆپ مۇئتەقىد (ئېتىقاد) دۇرلەر ۋە بېغايەت تەئرىفىن قىلۇرلار» دەپ مەلۇمات بېرىدۇ.
خوتەنلىك موللا ئىسمەتۇللا ئبنى نېئمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ «تارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە: «مۇقامنىڭ ئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈف سەككاكىدۇر.» دەپ كۆرسىتىدۇ. بۇ دەلىلگە ئاساسەن، شائىرنىڭ ئەسلى يۈسۈپ بولسا كېرەك، دېگەن چۈشەنچىگە كېلىمىز.
سەككاكىنىڭ ياشىغان دەۋرىنى بىلىشتە، ئۇنىڭ تۆمۈرىيىلەر سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغبەگدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمدارى خېلىل سۇلتانغا بېغىشلىشىغان قەسىدىسى بەلگىلىك ياردەم بېرىدۇ. خېلىل سۇلتان شاھرۇخ تەرەپىدىن 1410 - يىلى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان بولۇپ، شائىر بۇ قەسىدىنى 1410 - يىلىدىن بۇرۇن يازغانلىقى ئېنىق. شۇ ھالدا سەككاكىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى 14 - ئەسىرنىڭ تۆتىنچى چارىكىگە توغرا كېلىدۇ.
ئەلىشىر نەۋائى مىلادى 1467 - 1469 - يىللىرى سەمەرقەنتتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا سەككاكى بىلەن ئۇچراشقانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ ھالغا ئاساسەن سەككاكىنى شۇ يىللاردىن سەل ئىلگىرى ۋاپات بولغان دېگەن پەرەزگە كېلىمىز.
سەككاكى ئەينى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى ئىدى. نەۋائى تىلى بىلەن ئېيتقاندا: «كامالەتكە يەتكەن پاساھەتلىك شائىر» ئىدى.
تالانتلىق شائىر يەقىنى ئۆزىنىڭ «ئوق ۋە يامۇنازىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە «سەككاكى تۈرك شائىرلىرىنىڭ مۇجتەھىدىدۇر.» دەپ قەيت قىلىدۇ. خوتەنلىك موللا ئىسمەتۇللا «تارىخىي مۇسىقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە: «.... بۇ ئەزىز ھەم تەمامى ئىلمىدە ھەزرەتى فارابى، ھەزرەتى لۇتفىلاردەك ئېردىلەر .... ئىلمىي فەساھەت ۋە ئىلمىي بەلاغەتتە ئەسىرىنىڭ يەكتاسى ئېردى. ئىلمى ئەشئاردا مۇغۇلىستاندىن چىققان مۇتەفەككۇرلارنىڭ ھەممىسىدىن فايىق ئېردى.» دەپ ئالاھىدە باھا بېرىدۇ.
تالانتلىق شائىر سەككاكىنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بىر دىۋانى بولۇپ، بۇ دىۋان ھازىر قول يازما ھالىتىدە بۈيۈك بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. دىۋاندا ئېلىپ (ا) تىن نۇن (ن) غىچە بولغان رادىفلىق غەزەللىرى يوق. دىۋان شەرق كلاسسىكلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىتاب تۈزۈش تەرتىپى بويىچە تۈزۈلگەن. يەنى، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەرلەرگە نەئت بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن خوجا مۇھەممەد پارسا ۋە خېلىل سۇلتان نامىغا قەسىدە بېغىشلىنىدۇ. مىرزا ئۇلۇغبەگ ۋە ئارسلان خوجا تارخان ناملىرىغا تۆتتىن قەسىدە بېغىشلانغان. پۈتۈن دىۋان 12 قەسىدە ۋە 50 تىن ئارتۇق غەزەلدىن تەركىب تاپقان.
سەككاكى لىرىكىلىرىدا مۇھەببەت تېمىسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ لىرىكىلاردا شائىر ئاجايىپ پوئېتىك ئوبراز ۋە ئەدەبىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پاك سۆيگۈ - مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدۇ. ۋاپادارلىق ۋە سەمىمىيلىكنى قىزغىن مەدھىيلەيدۇ. يار ۋەسلىگە يېتىش يولىدىكى ھەر خىل جەبر - جاپالارنى دادىللىق بىلەن يېڭىشكە ئۈندەيدۇ ھەم رېئال ھايات گۈزەللىكلىرىنى زوق - شوخ بىلەن كۈيلەيدۇ. شائىر گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە خوتەننى بىر قانچە مىسرالاردا ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇناپىقلىق، ئاچكۆزلۈك، ساختىپەزلىك، رىياكارلىقلارنى تەنقىد ئاستىغا ئالىدۇ.
سەككاكى پوئىزىيەسىدە قەسىدە ژانىرى خېلى سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ قەسىدىلەر ئۆزىنىڭ مەزمۇن - چوڭقۇرلۇقى، خىلمۇ خىل ۋەزىن شەكىللىرى ۋە پاساھەتلىك تىلى بىلەن دىققەتنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. خۇسۇسەن، شائىرنىڭ دۆلەت ئەربابى، مەشھۇر ئالىم ۋە ئەدىب ئۇلۇغبەگكە يازغان قەسىدىسى بەدىئىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى مەزمۇن ئېتىبارى بىلەنمۇ ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. شائىر بۇ قەسىدىدە، بىر تەرەپتىن ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمىتىنى تولۇپ تاشقان ئىپتىخار بىلەن قىزغىن مەدھىيىلەيدۇ ۋە ئۆزىنى ئۇلۇغبەگ بىلەن بىر سەپتە _ تەڭ ئورۇندا قويىدۇ؛ ئىككىنچى تەرەپتىن، ئۇلۇغبەگكە قارشى سۈيقەستلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەينى زاماندىكى خوجا ئەھرار ۋەكىللىك قىلغان ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ پىتنە - ئېغۋالىرىغا زەربە بېرىدۇ. بۇ ھالنى تۆۋەندىكى مىسرالاردىن روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: «....................
سەلاتىن دۇنيەدە كۆپ كەلدىيۇ كەچتى، سېنىڭدەك بىر،
فەلەكنىڭ گەر تىلى بولسا ئەيتسۇنكىم، قاچان كەلدى؟»
«.................
فەلەك يىللار كېرەك سەير ئەتسە يۇ كەلتۈرسە ئىلكىگە،
مېنىڭدەك شائىرۇ تۈركۇ، سېنىڭدەك شاھى دانانى.»
سەككاكى لىرىكىلىرى پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، شەكلىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تىلىنىڭ پاساھەتلىكلىكى، ئىستىلىستىكىلىك ۋاسىتىلەرنىڭ ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلغانلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. سەككاكى ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ يارقىن بەدىئىي ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزىدىن كېيىنكى كىلاسسىكلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.