مالىك كېۋىر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى مالىك كېۋىر 1934- يىلى غۇلجا ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئوقۇپ، 1948 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىي - قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1953 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئىشلىگەن، كېيىن <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ بېرىپ مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلىك قىلغان، ھازىر پېنسىيدە.
مالىك كېۋىر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1956 - يىلى ئېلان قىلىنغان <ئازاد ئۇيغۇر دېھقانلىرى> ناملىق ئەسىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە 40 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ۋە باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئېلاق قىلغان.
مالىك كېۋىرنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <مەشئەل> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <يېزىدىكى ئادەملەر> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <كۈن شەرقتىن چىقىدۇ> (1988 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى بار، بەزى ئەسەرلىرى ئاپتوموم ريون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
مالىك كېۋىر ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.