نەسرۇللا ئابلەت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر نەسرۇللا ئابلەت 1948 - يىل 2 - ئايدا ئاتۇش شەھىرىنىڭ تېتىر يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1955 - يىلدىن 1965 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ۋە تېخنىكومدا ئوقۇغان؛ 1966 - يىلدىن 1981 - يىلغىچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن، 1982 - يىلدىن تارتىپ ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت 1977 - يىلدىن تارتىپ باشلانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ، ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
نەسرۇللا ئابلەتنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <يېشىل ياپراق> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <يامغۇر> (1986 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
نەسرۇللا ئابلەت ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.